2016 - يىلى 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خىتاي دۆلەت مەمۇرىي مەھكىمە ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى. كىتابتا، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك نېگىزلىك دۆلەت سىياسىتى دېيىلگەن. ئۇنىڭدا يەنە،دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش، قۇرئان ئوقۇش، كۈجە كۆيدۈرۈش، مىسا قىلىش، چوقۇندۇرۇش، قەبرە يوقلاش، دىنىي بايراملارنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق دىنىي ئىبادەت - پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى دىنىي كوللېكتىپلار ۋە شەخسلەر ئۆزلىرى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىشلار بولۇپ، قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئىگە بولىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئارىلىشىشىغا بولمايدۇ، دېيىلگەن، ئاقتاشلىق كىتابتا يەنە، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى ھۆرمەت قىلىنىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن شۇنداقلا ئۇنىڭدا يەنە، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقى بىلەن پۇقرالىق ھوقۇقى ئۆز - ئارا بىرلەشكەن بولۇپ، پۇقرالار مەيلى دىنغا ئېتىقاد قىلسۇن - قىلمىسۇن، چوقۇم ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەك، دېيىلگەن.
چەتئەللەردە خىتايدىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي چەكلىمە سىياسەتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىنكاسلار بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، بولۇپمۇ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيى ھارپىسىدا، خىتاينىڭ بۇنداق ئاقتاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ۋە دىنىي زاتلارنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى ۋە گۇمانىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا، قارىماققا ئاقتاشلىق كىتابتا ئۇيغۇرلارغا كۆپ جەھەتتىن ئەركىنلىك بېرىلگەنلىكى سۆزلەنگەن بولسىمۇ، رېئاللىقنىڭ تامامەن ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان بىر ئالدامچىلىق بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا دىنىي ئەسەبىيلىك نامىدا يەنىلا دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
كىتابتا يەنە، رامىزان مەزگىلىدە مۇسۇلمانچە ئاشخانا، رېستورانلارنى ئېچىش - ئاچماسلىق ئىگىلىرىگە باغلىق بولۇپ، ئارىلىشىشقا بولمايدۇ. مەسچىتلەردە ئىپتار قىلىشقا ۋە ئىپتارلىق بېرىشكە بولىدۇ، ھەرقايسى ئورۇنلار مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، رامىزان مەزگىلىدىكى ھەرخىل دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، دېيىلگەن. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دىنىي ئۆرپ - ئادەتلىرى ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقى، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار دىنىي بايراملاردا قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىشتىن ۋە يىمەكلىك تەمىناتلىرىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى، مېيىتنى يەرلىككە قويىدىغان ئازسانلىق مىللەتلەرگە مەخسۇس يەر ئاجرىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا يەنە «ئىسىم قويۇش، مېيىت ئۇزىتىش، نەزىر قىلىش» دېگەنگە ئوخشاش دىنىي تۈس ئالغان بىرقىسىم ئۆرپ - ئادەتلەرگىمۇ ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بولسا بۇنىڭ چەتئەللەرنىڭ بېسىمى ئارقىسىدا ئوينىلىۋاتقان كۆز بوياش نەيرىڭى ئىكەنلىكىنى نۆۋەتتىكى رېئاللىق بىلەن باغلاپ بايان قىلدى.
كىتابتا يەنە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي تەلەپلىرىنىڭ قانائەتلەندۈرۈلىدىغانلىقى، رايون بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت دىنىي تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئالاقىلەر ئورنىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئاقتاشلىق كىتابتا يەنە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنلارنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى دەسلەپكى ئېتىقاد باسقۇچى، بۇددا دىنى يادرولۇقىدىكى كۆپ خىل ئېتىقادلارنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى، ئىسلام دىنى ۋە بۇددا دىنى يادرولۇقىدىكى كۆپ خىل ئېتىقادنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى ۋە ئىسلام دىنىي يادرولۇقىدىكى كۆپ خىل ئېتىقادنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچلىرىدىن ئىبارەت 4 باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى شەرھىلىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي ئېتىقاد تارىخى بىر ياكى ئىككى دىننىڭ مەركەزلىكىدە كۆپ خىل دىننىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇشىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان دىنىي زات ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بولسا، بۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ياخشىلىق قىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئېتىقادى،ئۆرپ - ئادىتى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كىتابتا يەنە، دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا يول قويۇلمايدىغانلىقى، ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپ خىل چارىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاي ھوكۇمىتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مەسىلىنى دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن باغلىشى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىنىڭ ھەقىقەتەن ساختىلىقىنى بىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئىنكاس ئېلىش ئۇچۇن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىسلام ئىنىستىتۇتى، مىللىي، دىنىي ئىشلار كومىتېتى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش قاتارلىق ئورۇنلارغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ ئېلىنمىدى.
0:00 / 0:00