رادىئومىز بۇلتۇردىن بۇيانقى خەۋەرلىرىمىزدە دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ ھويلىسىغا ۋە مەسچىت مۇنارىغا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىزىل بايرىقىنى قاداش ئەھۋالىنىڭ بارغانچە كۆپىيىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. ئەمما دائىرىلەر بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىتلەرنىڭ مېھرابىغا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي بايرىقىغا سەجدە قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلىنىپ، غۇلغۇلا قوزغىدى.
18-سېنتەبىر كۈنى ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرى ماسسوئۇد خايوئۇن «ئۇيغۇرلار مەسچىتتە خىتاي بايرىقىغا يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلىندى. ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىدىكى مەسچىتلەرگە ئېسىلغان خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە مەسچىتتە ناماز ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر نامازخانلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ «بىر ئاللاغا سەجدە قىلىش» ئەقىدىسىگە پۈتۈنلەي قارشى ھالدا، ھەرقانداق ئېتىقادنى چەكلەيدىغان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق دۆلەت بايرىقىغا سەجدە قىلىشقا مەجبۇر قىلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ماقالىغا «ئۇيغۇربىز» تورىدا ئېلان قىلىنغان ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيىسى توخۇلا يېزىسى قۇمباش كەنتى مەسچىتىنىڭ مېھرابىغا ئېسىلغان قىزىل بايراققا سەجدە قىلىۋاتقان ئۇيغۇر نامازخانلىرىنىڭ رەسىمى كىرىشتۈرۈلگەن. ئاپتور بۇ رەسىم ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، «نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسچىتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق دۆلەت بايرىقى ئېسىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىغا يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇشقا مەجبۇر بولماقتا» دېگەن.
ماقالىدە ئاقسۇ ۋىلايەت ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزىسىدىكى قۇمباش مەسچىتىنىڭ مېھرابىغا ئېسىلغان دۆلەت بايرىقىنىڭ،بۇلتۇردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ«دىننى قانۇنلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى جەريانىدا ئېسىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئاپتور بۇ ھەرىكەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، «مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس جايى مەسچىتكە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىش ھەرىكىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «دىننى سۇسلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەتنى سۆيۈش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» ھەرىكىتىدە ئېسىلغان. دائىرىلەر مەسچىتكە بايراق ئېسىشنى مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ۋاسىتىسى دەپ قارىغان. شۇڭا دائىرىلەر ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ھەر قايسى يېزا-بازارلارغا مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەسچىتلەرگە بايراق ئېسىشقا مەسئۇل قىلغان ۋە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى نازارەت قىلىشقا بۇيرۇغان» دېگەن بايانلارنى بەرگەن.
ئاپتور بۇ ماقالىسىنى تەييارلاش جەريانىدا يەنە ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگىنى ئۈچۈن،خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەزگۈر شەخس دەپ قارىلىپ، كۆپ قېتىم نەزەربەند قىلىنغان خەلقئارادا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىنىمۇ زىيارەت قىلغان.
ماقالىدە ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بىر قاتار دىنىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق تەنقىدلەپ دېگەن مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل ئالغان.
ئىلھام توختى مۇنداق دېگەن :«جۇڭگونىڭ ئاساسى قانۇنىدا، ھېچقانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي گۇرۇپپا ياكى شەخسنىڭ، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشى ۋە نورمال دىننى پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا بولمايدۇ. ھېچقانداق شەخس ۋە ئورگان دىننى ئورۇنلارغا بېرىپ ئاتېئىزم تەشۋىقاتى ئېلىپ بارسا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ دىننى ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۈز قىلىش ھەرگىزمۇ ياخشىلىقتىن بېشارەت بەرمەيدۇ ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىگىمۇ ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ، بەلكى ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى قوزغىشى مۇمكىن. دۆلەت بايرىقى مەسچىتنىڭ مۇھىتى ۋە بېزىلىشى بىلەن پەقەتلا ماس كەلمەيدۇ، مەسچىت ئىچىگە بايراق ئېسىش ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت بايرىقىغا بولغان ساداقىتى ياكى ھۆرمىتىنى ئاشۇرالمايدۇ. بايراق ھۆرمەتلىنىشى كېرەك، ئەمما مەجبۇرىي ۋاسىتىلەر بىلەن ئەمەس. خەلقنىڭ قەلبىدىكى دىنى-ئېتىقاد تېخىمۇ بەكرەك ھۆرمەتلىنىشى كېرەك، ئەمەلىيەتتە، مەسچىتكە بايراق ئېسىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق.»
ئىلھام توختى ئەپەندى ئەلجەزىرە مۇخبىرىغا دېگەن سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي جەھەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ھەر خىل ئۇسۇلدا ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل قىلمىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ كەلدى، گەرچە بۇ نارازىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاجىز ھەتتا سۈكۈت ئىچىدە بولسىمۇ، ئەمما خەلقنىڭ نارازىلىقىنى كۆرمەسكە سېلىشقا بولالمايدۇ. بىزنىڭ خەلقىمىز ھەرگىزمۇ داۋاملىق ھالدا سۈكۈت ئىچىدە ئۆز ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىۋېرىشكە رازى ئەمەس، ئۇلارنىڭ غەزىپى تېشىشىنى كۈتۈش ئاقىلانىلىك ئەمەس» دېگەن.
18-سېنتەبىر كۈنى «ئۇيغۇربىز» تورىدىمۇ ئاقسۇدىكى مەسچىتلەرگە ئېسىلغان خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق دۆلەت بايرىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى.
«ئۇيغۇر بىز» تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ دائىرىلىرى ئاقسۇنىڭ ئونسۇ، ئۇچتۇرپان قاتارلىق ناھىيىلىرىدە دىننى زاتلارنى مەجبۇرىي ھالدا مەسچىتلەرگە بايراق ئېسىشقا تەشكىللىگەن. دائىرىلەر يەنە ئاتالمىش دىنىي زاتلاردىن ھەر كۈندىكى تەبلىغ سۆزىدە مەسچىتتە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان. «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋىرىدە يەنە ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن«ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە جەمئىي 422 مەسچىت بولۇپ،2012-يىلغا قەدەر ئارىسىدىكى 122 مەسچىتكە بايراق ئېسىلغان» دېگەن بايانلار نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلگەن.