شاۋكەت ئىمىننىڭ «ھىجاپلىنىش ۋە ساقال قويۇش قالاقلىق، رادىكاللىق» دېگەن تەبىرى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

24-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلغان «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، تەرەققىيات ئاق تاشلىق كىتابى» ھەققىدە بايانات بېرىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن، مۇخبىرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھىجاپلىنىش ۋە ساقال قويۇشنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «يۈزىنى يېپىۋالىدىغان كىيىم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى ئەمەس، مۇسۇلمانلارنىڭمۇ كىيىمى ئەمەس، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭمۇ كىيىمى ئەمەس. بەلكى سېپى ئۆزىدىن رادىكاللارنىڭ كىيىمى. بۇ خىل كىيىنىشنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم مەلۇم بىر خىل مەسىلە بار. ھەتتا بەزى ئەرلەر، ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىۋالىدىغان بۇ خىل كىيىملىرىنى كىيىۋېلىپ، بالىلارنى ئوغرىلاپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن. ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنى تونۇۋالماسلىقى ئۈچۈنلا نىقابلىنىۋالىدۇ. مېنىڭچە، بىر مىللەت ئىككى كۆزىنىمۇ قارا كۆزەينەك بىلەن ئېتىۋالسا، بۇ مىللەتنىڭ قالاقلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئايال يولداشلارنىڭ بۇ خىل كىيىنىشىنى كۆرۈشنى خالىمايمىز. مەسىلەن، كۆپلىگەن ئاياللار ئىشلەيدۇ، نۇرغۇنلىغان ئاياللار جەمئىيەت بىلەن ئارىلىشىدۇ. شۇڭا بۇ خىل كىيىنىشكە (ھىجاپلىنىش ياكى يۈزىنى بۇرقا بىلەن توسۇشنى دېمەكچى) بىز قەتئىي يول قويمايمىز. بۇ خىل كىيىنىش دىنىي يوسۇندا كىيىنىش ئەمەس. چۈنكى دىنىي ئۇسۇلۇپتا كىيىنىش بولسا، ئۇ چاغدا يەنە مەيلى ئىدى. ئەگەر مەسىلە پەقەت مۇشۇ خىل كىيىنىش ئۈستىدە بولىدىكەن، مېنىڭچە بىزنىڭ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشىمىزنىڭمۇ ئورنى يوق» دېگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان شاۋكەت ئىمىننىڭ بۇ سۆزلىرى بۈگۈن رويتېرس ئاگېنتلىقى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى، ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىدا ئەينەن كۆچۈرۈلۈپ بېسىلدى. خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ تەنقىدى قاراشلىرى ئېلان قىلىندى. ب ب س ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «كومپارتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەمەلدارى، ھىجاپلىنىشنى رادىكاللىق دېدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە شاۋكەت ئىمىننىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ، ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ «ھىجاپلىنىشنى قاتتىق چەكلەش تەدبىرلىرى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ھاقارەتلەش دەرىجىسىگە يەتتى» دېگەن تەنقىدى قوشۇپ بېسىلدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئەمەلدارى ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشى قالاقلىقنىڭ ئىپادىسى دېدى»، دېگەن خەۋەر ئانالىزىدا، ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قاراماي قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئېلان قىلىنغان «تېررورلۇق كىيىملىرىنىڭ ئۆرنەكلىرى» ناملىق رەسىملىك ئېلانلار نەقىل ئېلىنىپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ، مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ يۈزىنى يېپىپ ھىجاپلىنىش ئادىتى بويىچە كىيىنىشىنى جىنايەت دەپ بېكىتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئامېرىكىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ۋە تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان سىياسىي ۋەزىيەت تەتقىقاتچىسى ما خەييۈن ئەپەندىلەر رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قويۇپ، شاۋكەت ئىمىننىڭ سۆزى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان ماخەييۈن ئەپەندى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە كەسكىنلىشىشىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يولغا قويغان دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ خىتاينىڭ نىڭشا، گەنسۇ قاتارلىق جايلىرىدىكى تۇڭگان ئاياللىرى ئارىسىدا يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئاياللارنىڭ ھىجاپلىنىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇش ئادىتى بىلەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇرۇپ، ھىجاپلىنىش ۋە ساقال قويۇشنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇ قەدەر قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچرىشى، دائىرىلەرنىڭ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى، ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى نۇقسانلاردىن ئىزدىمەي، نوقۇل ھالدا «دىنىي ئەسەبىلىككە باغلىۋالغانلىقى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ماخەييۈن ئەپەندى يەنە شاۋكەت ئىمىننىڭ سۆزىنى تەنقىدلەپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بولغان بىر كىشىنىڭ «ئىنساننىڭ كىيىنىشتىن ئىبارەت شەخسى ھوقۇقىنى ئاشكارا سورۇنلاردا ھاقارەتلەپ، قالاقلىق دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشى ئېغىر دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك»، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى مانا مۇشۇ خىل سولچىلىقتا ھەتتا ئۆز مىللىتىنىمۇ ھاقارەتلەش دەرىجىسىگە يەتكەن شاۋكەت ئىمىنغا ئوخشاش ئەمەلدارلارنى داۋاملىق ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، ئۇ چاغدا شىنجاڭدا ئۆزى ئارزۇ قىلغان مۇقىملىقنى ئەمەس، بەلكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانچە كۆپىيىدىغان، مەڭگۈ تىنجىماس بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ» دېدى.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئۇزۇندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا، شاۋكەت ئىمىننىڭ سۆزلىرىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ مىللىتى ئۇيغۇر بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلىدىغان بىر تۈركۈم غالچا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەتتا ئۆز مىللىتىنىمۇ ھاقارەتلەش، خىتاي ھۆكۈمىتىدىنمۇ ئاشۇرۇپ باستۇرۇش دەرىجىسىگە يەتكەن غالچا ئەمەلدارلار تىپىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى يەنە، دائىرىلەرنىڭ قۇربان ھېيتنىڭ 1-كۈنى، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھارپىسىدا،«شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، تەرەققىيات ئاق تاشلىق كىتابى» نى ئېلان قىلىشتىكى مەقسىتى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئېلشات ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە، دائىرىلەرنىڭ تېخى 18-سېنتەبىر ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 40 نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان قانلىق توقۇنۇش دۇنياغا ئاشكارىلانغان مەزگىلدە، بۇ خىل ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا بارغانچە ئۆتكۈرلىشىۋاتقان مىللىي زىددىيەت ۋە داۋاملىشىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.