ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكى يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.05.26
Amerika-parlamentida-uyghur-mesilisi.jpg ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس رېس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، 2017-يىلى، 24-ماي، ۋاشىنگتون شەھرى
USCIRF

خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدا ئەڭ گەۋدىلىك بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى ۋە ئاياق-ئاستى قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 24-مايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئالاقىدار شەخسلەر دۇنيا مىقياسىدا، جۈملىدىن خىتايدا دىنىي ھەق ۋە ھوقۇقلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنى جىددىي تەلەپ قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا مىقياسىدا دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ، يەنە بەزىلىرى ئايرىم شەخسلەر ياكى تەشكىلاتلارنىڭ قولى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشماقتا. دۇنيا بويىچە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇشى ئەڭ ئېغىر دەپ قارىلىۋاتقان خىتايدا بولسا، بۇ خىل ھەق ۋە ھوقۇقلار ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاستە كونتروللۇقى ئاستىدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى توم لەنتوس ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى بۇ جەھەتتىكى دەپسەندىچىلىككە ئېگە چىقىۋاتقان ئاكتىپ تەشكىلاتلارنىڭ بىرى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق توم لەنتوس ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى 2008-يىلى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان «خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى» نىڭ روھى بويىچە دۇنيا مىقياسىدا ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ۋە قاناتيايدۇرۇش ساھەسى بويىچە ئۈنۈملۈك ھەمدە ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنى قىلىپ كەلمەكتە. ئەنە شۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ بىرى قاتارىدا 24-ماي كۈنى چۈشتىن كېيىن توم لەنتوس ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دائىر سىياسەتلىرى بويىچە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن، كومىتېت مۇدىرلىرىدىن راندىي خالتگرېن سۆز ئېلىپ بۈگۈنكى يىغىنغا كېلىپ گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك، دىنىي ئېتىقادنىڭ ئەڭ ئەقەللى ئىنسان ھەقلىرىدىن ئىكەنلىكىنى، باشقا ھەقلەرنىڭ بىردەك مۇشۇ ھەق ئاساسىدا راۋاج تاپىدىغانلىقىنى، سۆز ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكى قاتارلىق ھەق ۋە ھوقۇقلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولمىغاندا ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىر مەملىكەتتە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قاراشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلىدىغان ئۆلچەملەرنىڭ بىرى ئىكەن.

ئارقىدىن سۆز ئالغان كومىتېت مۇدىرى جېيمىس ماكگوۋېرن «خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى» دىكى «ھەر بىر ئىنساننىڭ پىكىر قىلىش ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تاللاش ھوقۇقى بار» دېگەن قۇرلارنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. بۇ ھوقۇقلار بويىچە ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى مەيلى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بولسۇن، ياكى شەخسلەر بولسۇن ھېچقايسىسىنىڭ چەكلەش ھەمدە تەقىپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئەمما ھازىر بىر قىسىم مەملىكەتلەر، بولۇپمۇ خىتاي، ئۆزبېكىستان، بېرما قاتارلىقلار بۇ ھەقلەرنى ئاياق ئاستى قىلىپ كەلمەكتە.

شۇنىڭدىن كېيىن، بۈگۈنكى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەردىن بىرى، ئامېرىكىدىكى «خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېېتى» نىڭ رەئىسى توماس رېس ئۆزىنىڭ زور ھەجىملىك گۇۋاھلىق دوكلادىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، دىن ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بۈگۈنكى دۇنيادا تولىمۇ مۇھىم ئامىللاردىن ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھازىرقى تاشقى سىياسەت مەزمۇنىدا دىن ھەرقاچان مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدىكى دەپسەندىچىلىكلەر ھەرقاچان ھازىرقى دۇنيادا مۇقىمسىزلىق ۋە پاراكەندىچىلىكنىڭ مەنبەسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، دۇنيادا ھازىر دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىشتا ئالدىنقى ئورۇندا مېڭىۋاتقان دۆلەتلەرنى ساناپ كېلىپ، خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتە زور بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ پىكرىچە ، خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن «ئەسەبىيلىك» كە ياكى «تېررورلۇق» قا قارشى قانۇنلارنى ماقۇللايدۇ، ئاندىن شۇ ئارقىلىق ئۆكتىچىلەرنى ۋە قارشى پىكىردىكى تەشكىلاتلارنى ئۇجۇقتۇرىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار ھەققىدە ئۆزىنىڭ يازما دوكلاتىدا تەپسىلىي توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى ئەسەبىيلىككە ۋە تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە شەرھىلىگەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئون مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدا نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى ياكى دىنىي مەزمۇندىكى ماتېرىياللارنىڭ بايقىلىشى «قانۇنسىزلىق» دەپ قارالماقتا. مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار بولسا ئاتا- ئانىلرىنىڭ ئۆي ئىچىدىكى دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى ھەققىدە سوئال-سوراق قىلىنماقتا. خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى باستۇرۇشلىرىنى تېخىمۇ كەڭ مىقياستا ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ «تېررورلۇققا قارشى قانۇن» نى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.

شۇنىڭدىن كېيىنكى سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە، توماس رېس پالاتا ئەزالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرگە قارىتا تەكلىپى سۈپىتىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئاياق- ئاستى قىلىشقا چېتىشلىق شەخسلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئىشلەش، ئۇلارغا ئامېرىكىغا كېلىش ۋىزىسى بەرمەسلىك،  ماگنىتسكى قانۇنىنى دىنىي ئېتىقادنى ئاياق ئاستى قىلىش ساھەسىگە كېڭەيتىش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە بۇ خىلدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى توسۇش ھەققىدە مۇناسىپ مەزمۇنلارنىڭ ئورۇن ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىن ئاخىرىدا يەنە، ئالان كوپېرمان، روبېرت جورج، كامران بۇخارى قاتارلىق مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملارمۇ رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، ئىران، پاكىستان، سۇدان قاتارلىق ئەللەردىكى دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

يىغىنغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى، بىر قىسىم ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرى ھەمدە دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدىكى خادىملار قاتناشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.