دىنىي زات مەھەممەت ھاجىم: مەن پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى دىنىي ئەقىدىدە مۇستەھكەم بولۇشقا چاقىرىمەن

0:00 / 0:00


ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشتە ھەر خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى بەرپا قىلغانلىقى ھەم شۇنىڭ ئارقىلىق دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقانلىقى تارىختىن ياخشى مەلۇمدۇر. كېيىنكى مىڭ يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت مابەينىدە ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كەلمەكتە. پەقەت ئۇيغۇر دىيارى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادا قىزىل كوممۇنىست تۈزۈمى ئورنىغاندىن باشلاپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى قەتئىي چەكلەندى.

بەزىدە ھەتتا ھۆكۈمران دائىرىلەر دىننى ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىمۇ ئېلىپ باردى. پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇستەقىل مەملىكەتلەر پەيدا بولغاندىن باشلاپ، باشقا خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارمۇ دىنىي ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش، دىنىي بىلىم ئېگىلەش ۋە ئۇنى تەرغىب قىلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولدى.

لېكىن، جەمئىيەتتە بەزىدە باشقا دىندىكىلەر بىلەن تويلىشىشقا ئوخشاش ئەھۋاللارنىڭمۇ ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتىش كېرەك. بۇ ئىسلام دىنى قائىدىلىرىگە ماس كېلەمدۇ؟ بۇنىڭ ئاقىۋېتى قانداق بولىدۇ؟ قانداق قىلغان تەقدىردە ئىسلام ئەقىدىلىرىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئالماتادا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان دىنىي زات مەھەممەت ھاجىم بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.