ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قاراماي شەھىرىدە 8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ساھىبخانىلىقىنى زىممىسىگە ئالغان قاراماي شەھىرى مۇسابىقىنىڭ بىخەتەرلىكى نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا بولغان نازارەت ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ياغلىق چەككەن ۋە ھىجاپلانغان ئاياللارغا قارىتا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرغان.
يەرلىك كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە ياغلىق ئارتقان ئاياللار، ساقال قويغان ئەرلەرنى، ھەمدە ئاي يۇلتۇزلۇق مايكا كىيىنگەنلەرنى كوچا ئاپتوبۇسلارغا چىقارماسلىق، ھەر بىر كوچا ئاپتوبۇس بېكىتىگە قارانچۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار ساقال قويغان، ياغلىق ئارتقان ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن ھامان ساقچىلارغا خەۋەر قىلىپ تۇتقىن قىلىشىغا مەسئۇل بولىدىكەن.
بىز تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن قاراماي شەھىرىگە تېلېفون قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىدىن مەلۇمات ئالدۇق.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم قاراماي شەھىرىدە ياغلىق ئارتقان ئاياللارغا زەربە بېرىشتە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى بىلدۈردى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.