تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىدىن بىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئېنىقلانغان ئابدۇرېشىت سەلەي ھاجىم بىلەن ئابدۇلەھەت مەخسۇم ھاجىم قاتارلىق دىنىي ۋە جامائەت ئەربابلىرى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئەڭ چوڭ ۋە تارىخىي جامەلەردىن بىرى بولغان ھاجى بايرام جامەسىدە 8-ئىيۇن جۈمە نامىزىدىن كېيىن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق زۇلۇمى ۋە ئىرقىي سىياسىتى ئەيىبلەندى. «ئەركىن پىكىر ۋە مائارىپ ھەقلىرى جەمئىيىتى» ئېلان قىلغان باياناتتا «مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بېسىمغا دۇچار بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دۆلىتىمىزنىڭ، ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلگەن.

پائالىيەتكە مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا ھەر قايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئەزالىرى، جۈمە نامىزىغا كەلگەن جامائەت ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

جىنازا نامىزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان «ئەركىىن پىكىر ۋە مائارىپ ھەقلىرى جەمئىيىتى» مەسئۇلى نۇمان گۈنەي ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى سالاھىدىن قەشقەرلى باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.

نۇمان گۈنەي ئەپەندى ئالدى بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز شۇنداق ئېغىر زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتىدۇكى، يېقىندا ئابدۇرېشىت ھاجىم بىلەن ئابدۇلەھەت مەخسۇم ھاجىم قېرىندىشىمىز تۈرمىدە تەن جازاسىغا ئۇچراپ ئۆلگەن. بىز بۈگۈن بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ غايىبانە نامىزىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدۇق. شۇنداقلا تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە تارتىش ئۈچۈن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىمىز.»

جىنازا نامىزى ئوقۇلغاندىن كېيىن «ئەركىن پىكىر ۋە مائارىپ ھەققى جەمئىيىتى» نامىدىن يىلدىرىم بېيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى سالاھىددىن قەشقەرلى ئەپەندى باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى. باياناتتا مۇنۇلار دېيىلگەن: «ئاخىرقى بىر يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟ نەچچە ئانىنىڭ كۆز ياشلىرى توختىمايۋاتىدۇ؟ نەچچە بالا يېتىم قالدى؟ نەچچە ئائىلە ۋەيران بولدى؟ بۇلاردىن خەۋىرىڭلار بارمۇ؟»

باياناتتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇنداق دېيىلگەن: «21-ئەسىرگە كىرگەن بۈگۈنكى ئەركىن دۇنيادا، شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئېتىۋېتىلگەن. خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئېتىۋېتىلگەن. تېلېفونلارنى تەكشۈرگەندە دىنىي مەلۇمات بايقالسا تۈرمىگە تاشلانماقتا، تۈرمىگە تاشلانغانلاردىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خەۋەر ئالالمايۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان ئوچۇق تۈرمىگە ئايلىنىپ كەتتى.»

باياناتتا يەنە بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر دىيارىدا بىر مىليون ئەتراپىدا كىشىنىڭ لاگېرلاردا ئىكەنلىكى، «قېرىنداش ئائىلە» نامى ئاستىدا خىتاي ئەرلەرنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى، بۇلارنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر قىلمىش ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئەڭ چوڭ ۋە تارىخىي جامەلەردىن بىرى بولغان ھاجى بايرام جامەسىدە 8-ئىيۇن جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە ئوقۇپ ئۆتۈلگەن باياناتنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «دۆلەت رەھبەرلىرىنى، ھەر قايسى پارتىيەلەرنى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىمىز. شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم چىدىغۇسىز بىر ۋەزىيەتكە كەلدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرىگە تۈركىيە باشلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ، ئىسلام كونفېرانسىيەسى تەشكىلاتىنى كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىمىز».

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەقىبلەش سىياسىتى، مىليون كىشىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىۋېلىپ، مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىشى، رامزاندا روزا تۇتۇش ۋە باشقا دىنى پائالىيەتلىرىنى چەكلىشى، قاتتىق نازارەت سىستېمىسى ئورنىتىشى قاتارلىق قىلمىشلىرى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ ئېلان قىلىنغان شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كىشىلىك ھەم دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئورۇنلىرى، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارالىق ئىسلام تەشكىلاتلىرى ۋە ياكى بىرەر ئىسلام دۆلىتى ھۆكۈمەتلىرى، بولۇپمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ھېچقانداق تەنقىدىي ئىنكاس چىقمىغانلىقى تۈركىيەدىكى بىر قىسىم خەلقلەر، ئۇيغۇرلار، بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە پارتىيەلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. ئۇلار بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قىيىن مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرماقتا.

بىز بۈگۈنكى غايىبانە جىنازا نامىزى ۋە پائالىيەت توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتۇرۇشتا كۈچ چىقارغان سالاھىدىن قەشقەرلىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، پائالىيەت جۈمە نامىزىدىن كېيىنلا باشلانغان بولغاچقا كۆپ كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى مۇخبىرلارنىڭمۇ كەلگەنلىكىنى، كۈتكەن مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى، مالايشىيادىن غۇلجىغا قايتقاندىن كېيىن ئىز-دېرىكى يوق بولۇپ كەتكەن ئوقۇغۇچى گۈلگىنەنىڭ مەسىلىسىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچى، تەتقىقاتچى مىركامىل ئەپەندى بۇ پائالىيەتكە كۆپ ساندا مۇخبىرنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، كۆپ تور گېزىتلىرىدە خەۋەر ئېلان قىلىنغانلىقىنى بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

«ئەركىن پىكىر ۋە مائارىپ ھەقلىرى جەمئىيىتى» 1999-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر ئەنقەرە، ئىزمىر، ئادانا ۋە گازىئانتەپ قاتارلىق 50 ئەتراپىدا شەھەردە شۆبىسى بار ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلات ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى تەشكىلاتى بولۇپ، ھازىرغىچە كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان.