خىتاينىڭ خېفېي شەھىرىدىكى مەلۇم بىر كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ 2 نەپەر قىز ئوقۇغۇچىسى رادىكاللىق، تېررورلۇق تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى ساقلىغان، دەپ قولغا ئېلىنغان ھەم ئۇلاردىن بىرى 11-ئۆكتەبىر خېفېي شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغان.
بۇ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا گۇاڭجۇدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى تېررورلۇققا چېتىشلىق، دەپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلانغان «تېررورلۇق»، «رادىكاللىق» قا ئالاقىدار 2- دېلو.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قولغا ئېلىنغان قىزلارنىڭ مىللىتى، ئوقۇيدىغان مەكتىپى، ھەقىقىي ئىسمى ئاشكارىلانمىغان. «خېفېي سودا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلاردىن 22 ياشلىق بىرى سەيشەنبە كۈنى سوتلانغان. ئەمما سوت تېخى ھۆكۈم چىقارمىغان. خەۋەردە، ئۇ قىزنىڭ بىر ياتاقتىكى دوستىغا ئوخشاش سەۋەب بىلەن ئايرىم دېلو تۇرغۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىز خېفېي شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە تېلېفون قىلىپ، دېلونىڭ تەپسىلاتى، ئۇلارنىڭ «تېررورلۇق»، «رادىكاللىق»قا دائىر زادى قانداق ماتېرىيال ساقلىغانلىقىنى ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ئوتتۇرا سوتنىڭ نۆۋەتچى خادىمى مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
ئۇ: «دېلو سۈرۈشتۈرمەكچى بولسىڭىز، ئەتە كۈندۈزى تېلېفون قىلىپ سوراڭ. مەن كېچىلىك نۆۋەتچى، مەن دېلوغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيمەن» دېدى.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى مەزكۇر دېلوغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ مۈجمەللىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ دېلودا ئوچۇق-ئاشكارا ۋە ئادىل بولۇشقا، قانۇنى تەرتىپلەرگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى.
دىلشات رىشىت مۇنداق دەيدۇ: بىز خىتاينىڭ بۇنداق دېلوغا چېتىلغان ھەرقانداق مەسىلىنى ئوچۇق، ئادىل بولۇشنى، ئۆزىنىڭ قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىشنى ۋە جاۋابكارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىمىز. لېكىن خىتاي بۇنداق دېلولاردا سىياسىي ھۆكۈم چىقىرىدۇ» دېدى.
دىلشات رىشىت يەنە، بۇنداق ئەھۋالدا قولغا ئېلىنغان بۇ قىزلارنىڭ ئادىل سوتلىنىشىغا ھەرقانداق ئادەم گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، «ئەگەر ھەقىقەتەن بۇنى ئەدلىيە سىستېمىسى بويىچە سوتلاش بولىدىغان بولساق بۇنى يوشۇرۇن كېرەك ئەمەس. بۇ ئوچۇق سوت بولۇشى كېرەك. ئەيىبلەنگۈچىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقلىرىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى، (خىتاي) تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللانغان دەلىل ئىسپاتنى دۇنياغا كۆرسىتەلمەيۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سوتنىڭ ئادىل بولۇشىغا ھەرقانداق ئادەم گۇمانلىنىدۇ» دېدى.
«خېفېي سودا گېزىتى»نىڭ قەيت قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى سوتلانغان 22 ياشلىق ئوقۇغۇچى قىز QQ، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە «ئابدۇللا» ئىسىملىك بىرى بىلەن دوستلاشقان. «ئابدۇللا» 2014-يىلى 11-ئايدا ئۆزىنىڭ تۈركىيەگە چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئىككى قىزغا ئاتالمىش «رادىكاللىق»، «تېررورلۇق» مەزمۇنىدىكى ئېلېكترونلۇق كىتاب ۋە ۋېدىئولارنى يوللىغان.
خەۋەردە يەنە، ئابدۇللانىڭ قىزلارنى چەتئەلگە چىقىپ، غازاتچىلارغا قېتىشقا دەۋەت قىلغانلىقىنى، ئىككىيلەننىڭ ساياھەت شىركەتلىرىدىن مەسلىھەت سورىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى پاسپورت ۋە يول خىراجىتى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«خېفېي سودا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، «ئابدۇللا» بىلەن بۇ قىزلارنىڭ تور ئالاقىسى خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار شۇ يىلى 26- دېكابىر كۈنى قولغا ئېلىنغان.
بەزى خىتاي پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قىزلارنىڭ دېلوسىدا تور تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن ئۇچۇر ۋە تور ئەركىنلىكىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن. ئامېرىكىدىكى خىتاي تور ئەركىنلىكى پائالىيەتچىسى لى خوڭكۈەن، خىتاينىڭ تور تېررورلۇقى، دېگەن بۇ ئۇقۇمغا پۈتۈنلەي خاتا ئىزاھات بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دېلونىڭ خاراكتېرىنى كۆرۈپ باقمىدىم، شۇڭا، ئۇنىڭ زادى قانداق دەلىلى بارلىقىنى ئۇقمايمەن. لېكىن مېنىڭ پەرىزىمچە بۇ نورمال ئالاقە، تېررورلۇق مەسىلىسى ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى تور تېررورلۇقى دەيدۇ. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا، تور تېررورلۇقىنىڭ قاتتىق ئېنىقلىمىسى بار. ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسى توردىن پايدىلىنىپ، قارشى تەرەپنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئاخبارات ئوغرىلاش قىلمىشىدۇر. تور تېررورلۇقى بۇ خىل ھەرىكەتلەرگە قارىتىلغان. ئەمما مەن ئىشىنىمەنكى، بۇ ئىككى ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۇنداق ماھىيىتى يوق. ئۇلار پەقەت توردىن ئىبارەت بۇ ئالاقىدىن پايدىلىنىپ، بەزى مەزمۇنلارنى كۆرگەن، ئۇچۇر ئالغان ياكى ئۆز ئارا خەت ئالاقىسى قىلغان. بۇنىڭ تور تېررورلۇقى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.»
لى خوڭكۈەن ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2015-يىلى 12-ئايدا ماقۇللىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى تور تېررورلۇقىنى كەڭ دائىرىلىك شەرھلەپ، بۇ ئىككى قىزنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋە سوتلىنىشىدەك ناھەقچىلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە تېخىمۇ كەڭ يول ئېچىپ بەرگەن.
لى خوڭكۈەن يەنە، ئەگەر بۇ قىزلار راست تېررورلۇق، رادىكاللىق تەشۋىقاتىغا دائىر مەزمۇنلارنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى تېررورلۇققا كىرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ بۇ خىل مەزمۇنلارنى كۆرۈشىنى خالىمىسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بۇنى توسۇش، ئۇلارنى جازالاش ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.
لى خوڭكۈەن مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر نورمال تور قوللانسىڭىز، مەسىلەن، تۈركىيەدىكى بىر تورغا كىردىڭىز دەيلى ياكى تۈركىيەدىكى بىر توردىشىڭىز سىزگە بىر ماتېرىيال ئەۋەتتى، دەيلى، سىز ئۇنى كۆردىڭىز. بۇ تورنى نورمال قوللىنىش بولىدۇ. ئۇ ھەرگىز تېررورلۇق بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئوقۇغان نەرسىسى تېررورلۇققا كىرەمدۇ-كىرمەمدۇ ئۇ ئايرىم مەسىلە.
ئەگەر سىز ئۇنى كۆرسە بولمايدۇ، دەپ قارىسىڭىز، ئۇنى توسىسىڭىزلا بولدىغۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز تور توسمىسى قۇرۇپ چىققانغۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئاساسى قانۇنىنىڭ 35-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلىپ، سەددىچىن توسمىسىنى قۇرۇپ چىقتى. شۇنداق ئىكەن ئۇنى توسۇش سىزنىڭ ۋەزىپىڭىزغۇ. نۇرغۇن پۇل ئاجرىتىپ توسما قۇرۇپ چىقتى، دېگەنلىك سىز خالىمايدىغان ئۇچۇرلارنى توسۇش سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز دېگەنلىك، ئادەم تۇتۇش دېگەنلىك ئەمەس.
«خېفېي سودا گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى 2015-يىلى 26-دېكابىر بۇ ئىككى قىزنى قولغا ئالغاندا ئۇلارنىڭ قول تېلېفونىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلاردىن بىرىنىڭ قول تېلېفونىدىكى 2 ۋېدىئو بىلەن 3 ئېلېكترونلۇق كىتابنى رادىكاللىق تەرغىب قىلىنغان قانۇنسىز تەشۋىقات بۇيۇمى، دەپ بېكىتكەن.