ئاتېئىزمغا مەجبۇرلىنىۋاتقان پەرزەنتلەرنى قانداق قىلغاندا ئىمانلىق قىلغىلى بولىدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئاتېئىزم يەنە دىنسىزلىق پەلسەپىسىگە زورلاۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى، بۇنىڭ ھەقىقەتەن ئېچىنارلىق ئىش ئىكەنلىكى، ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئىمانلىق قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش مەجبۇرىيىتى بار بارلىقىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەم شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن ئوبۇلقاسىم بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.

ئوبۇلقاسىم ھاجىم مۇنداق دېدى:« بالا مەكتەپ يېشىغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ قەلبىگە ئىمان ۋە ئىسلامنى چوڭقۇر سىڭدۈرۈش ۋە ئۇنى ئىسلام ئەخلاقى بىلەن تەربىيىلەپ، ئۇنىڭغا ئادىمىيلىكنى ئۆگىتىش ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ بۇرچى ۋە گەدەنلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامانەتتۇر. چۈنكى مەكتەپ بالىلارغا بىلىم بەرگەننىڭ سىرتىدا، كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتەلىگەن بىلەن، ئادىمىيلىكنى بېرەلمەيدۇ. ئۇنى پەقەت ئائىلىلا بېرەلەيدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتېئىزم ئىدىيىسى دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلىدىغان دۆلەتلەردىكى مەكتەپلەرگە مۇسۇلمان بالىلىرىنى مېڭىسى بوش ئەۋەتىش ئەڭ كەچۈرۈلمەس جىنايەتتۇر. «ھەرقانداق بالا ئىسلام فىترىتىگە تۇغۇلىدۇ، ئۇنى ئاتا-ئانىسى يەھۇدىي قىلىدۇ، ياكى خرىستىئان قىلىدۇ، ياكى مەجۇسىي قىلىدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ روھى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ ئەھۋالدا ئاتا-ئانا بالىلىرىنىڭ دىنسىز بولۇپ كېتىشى ۋە يولدىن چىقىپ كېتىشىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

بالىنى پسىخىكا جەھەتتىن مەكتەپكە ھازىرلاش ئىشىدا، ئانا دادىغا ياردەملىشىپ ناھايىتى ئاكتىپ رول ئوينىشى لازىم. مەسىلەن بالىسىغا: بالام، مەكتەپكە بېرىش زۆرۈر. چۈنكى ئۇ يەردە ھەر خىل ئىلىم-پەن، ماتېماتىكا، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋەھاكازالارنى ئۆگىنىسەن، بىلىملىك ئادەم بولىسەن. ھەممىنى ياخشى ئۆگىنىشىڭ لازىم. پەقەت ئېكولوگىيە مەسىلىسىدە سېنىڭ ئۆيدە بىزدىن ئۆگەنگەنلىرىڭ توغرا، مەكتەپتە ساڭا دېيىلىدىغان «ئادەم مايمۇندىن كەلگەن» دېگەندەك سۆزلەر سەپسەتە ۋە خاتا سۆزلەردۇر، چۈنكى ھەممىنى ئاللاتائالا ياراتقان، دېيىش ئارقىلىق بالىنى ئىدىيە جەھەتتىن ھازىرلاش ئىشىنى ئاتا-ئانا بىرلىكتە قىلىدۇ.

بالا مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن ئىمان ۋە ئىسلامنى ئۆگىنىپ مېڭىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن مەكتەپكە بارغاندا، ئىسلامغا قارشى ئىدىيىلەرنى ئاڭلىسىمۇ، ئۇنىڭ ئىمانى تەۋرەنمەيدۇ ۋە ئېزىپ كەتمەيدۇ. بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ تولىسى بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالماقتا.

بالا مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ نېمە ئۆگەنگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىپ، سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئەقىدە تەرەپتىن كۆزىتىپ، ئېكولوگىيىدە نېمىلەرنىڭ ئۆگىتىلگەنلىكىنى، زادى قانداق ئىدىيىۋى دەرس ئۆتۈلگەنلىكىنى سوراپ، خاتا نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن بولسا، تۈزىتىش بېرىش ۋە بالىنىڭ ئۆگىنىشلىرىگە ياردەم بېرىش ئىشىدا ئانا دادىغا ياردەمچى بولۇپ، ئۆز-ئارا ئىش تەقسىماتى قىلىۋېلىپ، ئۆگىنىش ئىشىدا بالىسىغا ھەر ئىككىلىسى ياردەم بېرىدۇ.»