«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى تېلېفونىدا دىنىي تەبلىغ ساقلىغان دەپ كېسىلگەن

0:00 / 0:00

بەختىيار رەھمىتۇللا «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن 10 نەچچە ئاي ئاۋۋال قولغا ئېلىنىپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بەختىيار رەھمىتۇللانىڭ دېلوسىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا تېلېفونىدىن تەبلىغ ۋە باشقا دىنىي مەزمۇنلارنىڭ چىقىپ قېلىشى ياكى ساۋاقداشلىرىغا دىنىي تەبلىغ قىلىشى سەۋەب بولغان.

لېكىن بىز، ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۇشلۇق بەختىيار رەھمىتۇللانىڭ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»دا ئوقۇغان كەسپىي، تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ 20 ياشلىق بەختىيارنى قانداق«جىنايەت» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى، ئۇنىڭ قانچە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە ھازىر قايسى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە تولۇق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەس.

بىز پەقەت ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغانلىقى، ئاتا-ئانىسىنىڭ «يەنئەن يولى»دا ئولتۇرىدىغانلىقى، دادىسىنىڭ تىجارەتچى، ئانىسىنىڭ ئائىلە خانىمى ئىكەنلىكى، بەختىيارنىڭ بۇنىڭدىن ئون نەچچە ئاي ئاۋۋال قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە كېسىلگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئىگە.

ئۇنىڭ ئانىسى مۇھەببەت خانىم ئوغلىنىڭ كېسىلگەنلىكىنى، دادىسى رەھمىتۇللانىڭ شۇ سەۋەبلىك ئېغىر كېسەل ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئارتۇق ئۇچۇر بېرىشنى خالىمىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ گېپى چىقسا ئېغىر خورسىنغان ھالدا «ئىچىمنى ئاچچىق قىلىپ، ئارتۇق گەپ قىلغۇم يوق» دەيدۇ.

مۇھەببەت: ۋەي، سىز كىمۇ؟ ھەئە، مەن شۇ (مۇھەببەت).

مۇخبىر: ھەئە، قانداق ياخشى سالامەت تۇردىڭىزمۇ؟ مەن ئوغلىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ باقاي، دەپ تېلېفون قىلغان ئىدىم. ھازىر قانداق بولۇپ كەتتى، بۇنىڭ نەتىجىسى؟

مۇھەببەت: سىز كىمۇ؟

مۇخبىر: مەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىن تېلېفون قىلىۋاتىمەن.

مۇھەببەت: ئەركىن ئاسىيا (رادىيوسى).

مۇخبىر: ھەئە. مەن ئوغلىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تېلېفون قىلغان. ھازىر ئوغلىڭىز نەدە، ئۈرۈمچىدىمۇ ياكى باشقا يەرگە ئېلىپ كەتتىمۇ؟ سوت ئېچىلىپ بىر نەتىجىسى چىقتىمۇ بۇنىڭكى ياكى تېخىچە ئېسىقلىق تۇرامدۇ؟

مۇھەببەت: ئۈرۈمچىدە. (سوت) نەتىجىسى چىقتى.

مۇخبىر: قانداق نەتىجىسى چىقتى؟ قولۇڭلارغا بىر قەغەز كەلدىمۇ، نەتىجە توغرىلىق؟

مۇھەببەت: قولىمىزغا ھېچقانداق قەغەز كەلمىدى. شۇ، بالام سولاقتا. بولدى، ئىچىمنى ئاچچىق قىلىپ ئارتۇق گەپ قىلغۇم يوق. كەچ بولۇپ كەتتى. گەپ قىلىش قۇلايسىز، يولدىشىمنىڭ ھازىر سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس. مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن يولدىشىم (پالەچ) بولۇپ ھازىر گەپتىن قالدى. ھەئە، يېتىقتا ھازىر. ھەئە، (ئاشۇ بالىنىڭ دەردىدە).

بىز پەيشەنبە كۈنى يەنە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ ج خ ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ نېمىگە ئاساسەن بىر ئوقۇغۇچىنى قولغا ئالغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ كېسىلىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى سورىدۇق.
ئەمما، ساقچى پونكىتىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى «ئۇچۇر بېرىشكە بولمايدۇ» دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بەختىيار رەخمىتۇللانىڭ قولغا ئېلىنىشىدا باشقا ھېچقانداق ئىش يوقكەن. بەختىيار رەخمىتۇللانى تونۇيدىغان بىرى، ئۇنىڭ ناھايىتى «ئەدەپلىك، پاكىز» بالا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاھالە: مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، تۇتۇلۇپ كېتىشتىكى سەۋەب مۇشۇ ۋېدىئودا بىرەر ھەدىس، تەبلىغ ئاڭلىغانمۇ، تېلېفوندىن چىقىپ قالغانمۇ ياكى مەكتەپتە ئانچە-مۇنچە مۇنداق بىر ياتاقلىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا تەبلىغ سۆزلەپ قويدىمۇ، مۇشۇ ئىككى خىل سەۋەب بار. باشقا ھېچقانداق ئىش يوق. شۇنداق پاكىز، چىرايلىق بالا ئۇ. ئالدىمىزدا كىچىك بالىتى ئۇ، شۇنداق ئەدەپ، ئەخلاقلىق، پاكىز، شۇنداق چىرايلىق بالا ئىدى. ئاتا، ئانىسى شۇنداق پەخىرلىنەتتى ئۇ بالىسىدىن. ئۇلار ئىككى ئوغۇلتى. بۇ بالىنىڭ دادىسى ھازىر ئېغىر دىئابېت. ئاتا-ئانىسىغا بەك ئېغىر بولۇپ كەتتى. سىمۇنتقا سۇنى تۆكۈپ، مەيدىسىنى يېقىپ ياتىدۇ، دەيدۇ دادىسىنى. دادىسىنىڭ كېسىلى بەك ئېغىر ھازىر.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2015‏-يىلى 1‏-ئايدا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تور ئۇچۇرلىرىنى بىخەتەر باشقۇرۇش نىزامى» ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە بولغان كونتروللۇقنى قاتتىق كۈچەيتكەن. ئەمما بۇ نىزام، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار بۇ نىزام پىكىر ئەركىنلىكىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

مەزكۇر نىزامدا تور مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ ئامانلىق ئورگانلىرىنى ئابونتلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرى بىلەن ئۇدۇللۇق تەمىنلەپ تۇرۇشى، دۆلەت مەنپەئەتى، دۆلەت بىخەتەرلىكى، دۆلەت مەخپىيەتلىكى ۋە بىرلىكىگە زىيانلىق، «غازات»، «بۆلگۈنچىلىك»، «مىللىي ئۆچمەنلىك» تەرغىب قىلىنغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانلىق ئۇچۇرلارنى دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئۇنى يوللىغان شەخسلەرنى دەرھال ئامانلىق ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

يۇقىرىدا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بەختىيار رەخمىتۇللا ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن كىشى، بۇ نىزام سەۋەبلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مۇشۇ قانۇن سەۋەبتىن ئاشۇ ۋېدىئودىن تېلېفونغىچە ھەممىگە ئارىلىشىۋاتىدۇ. تېلېفوندىن تۇتۇلۇپ كەتكەن ئادەمنىڭ سانى يوق. نۇرغۇن ئادەم تۇتۇلۇپ كەتتى. مۇشۇ تېلېفون توغرىسىدىلا تۇتۇلۇپ كەتتى. ئاساسى جەھەتتىن مۇشۇ توسۇقلاردىمۇ كىملىكنى سوراپ كەتمەيدۇ. بىرىنچى بولۇپ تېلېفونۇڭنى چىقار، دەيدۇ. تېلېفوننى چىقىرىپ، شۇ تېلېفوندىن ئازراقلا ئۆزىگە ياقمىغان مەزمۇن بولسا، بۇلارنى شۇ مەزمۇنغا يۆلەپلا تۇتۇۋاتىدۇ. ھېلى ‹بادام دوپپاڭدا ئاي شەكىل باركەن› دەپ تۇتۇۋاتقان، ھېلى ماۋۇ ‹تۈركىيەنىڭ بايرىقى سىمۋول قىلىنغان ئۈزۈك› بولسىمۇ تۇتۇۋېلىپ بارغان.

ماۋۇ ئۈرۈمچىنى خېلى يامان ئەمەس، دەيمىز. ئەمما مۇشۇ ئۈرۈمچىدىن قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇلىغا بېرىشقىمۇ ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدۇق. نېمىشقا دېسىڭىز، ئاشۇ ياقلارغا بېرىپ قالساق، تېلېفونىمىزدىن ئادەتتىكى جۈمە مۇبارەك بولسۇن، ياغلىق چىگىش گۇناھمۇ دېگەندەك نەرسىلەر بىزدە تېلېفونىمىزدا بار. بىزدىن چىقىپ قالسا ئاۋارىچىلىككە قالىدىغان گەپ.»

لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تور ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى قاتتىق كونترول قىلىش ھەرىكىتىنى ئاقلاپ، چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان غازاتچى تەشكىلاتلىرىنىڭ تور ئارقىلىق ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتى بۇ رايوندىكى مۇقىمسىزلىق، يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇقنى باھانە قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىزچىل قانۇنلۇق، تىنچ ئۆكتىچىلەرنى، پەرقلىق پىكىردىكى ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇق باستۇرۇپ، ئۇچۇر ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ئېغىز بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كەلمەكتىكەن.