ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قازاقىستاندىكى دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورچىلىق خەۋپىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى داۋام قىلماقتا.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتى ۋە ئىچكى ئىشلار ئىدارىسى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن مەخسۇس ئوپېراتسىيىلەر نەتىجىسىدە بىر نەچچە تېررورلۇق گۇرۇپپىلار ئۇجۇقتۇرۇلۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرىگە مۇناسىۋىتى بار دېگەن گۇمان بىلەن ئونلىغان ئادەملەر قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇلار تېررورچىلىق ماددىسى بويىچە «تېررورلۇق توپلارنى قۇرغانلىقى ۋە تەشكىللىگەنلىكى»، «تېررورچىلىقنى تەشۋىق قىلغانلىقى»، «تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى پىلانلىغانلىقى» قاتارلىق ئەيىبلەر بىلەن بىر نەچچە يىل مۇددەتلىك ئەركىنلىكىدىن ئايرىلدى.
قازاقىستان پرېزىدېنتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت خەلقىگە يوللىغان «قازاقىستان-50 ئىستراتېگىيىسى» دە دۆلەت ۋە پۇقرالارنىڭ رادىكالىزم، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورچىلىققا قارشى كۆرەشتە بىرىكىپ ھەرىكەت قىلىش لازىملىقىنى، بولۇپمۇ دىنىي ئەسەبىيلىك خەۋپىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، پرېزىدېنت مەمۇرىيىتى ۋە ھۆكۈمەتكە دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش پروگراممىسىنى تەييارلاشنى تاپشۇرۇپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «دىنىي مەسىلىلەردە ئېغىر بېسىق ۋە قاتتىق ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك، دۆلەت دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى لازىم. بىز ۋىجدان ئەركىنلىكى، ئەنئەنىلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئېتىقاد پرىنسىپلىرىنى ساقلىشىمىز لازىمدۇر.»
«كاز تاگ ئاخبارات ئاگېنتلىقى» مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ھازىر قازاقىستاننىڭ تۈزىتىش مەھكىمىلىرىدە دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورچىلىق بىلەن ئالاقىسى بار دېگەن ئەيىب بىلەن سوتلانغان 500 گە يېقىن ئادەم بار. «تېنگرىنيۇس ئاگېنتلىقى» ئېلان قىلغان «قازاقىستاندا يۈزلىگەن ئادەملەر دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورچىلىق بويىچە قاماقخانىلاردا ياتماقتا» ناملىق ماقالىدە مەملىكەتنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى جىنايى ئىشلار ئىجرائىيە سىستېمىسى كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى دائۇرېن ماجىتنىڭ مەلۇماتلىرى كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا دىنىي ئەسەبىيلىك ھەرىكەتلىرىنى قوللىغۇچىلاردىن سوتلانغانلارنىڭ سانى ئاخىرقى 9 يىل ئىچىدە 21 قېتىم ئۆسكەن، 2004-يىلى ئۇلارنىڭ سانى 24 بولغان بولسا، ھازىرقى ۋاقىتتا 510 ئادەمگە يەتكەن. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باشقارما رەھبىرى قانات لاقبايېف بولسا، 2012-يىلى تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك گۇرۇپپىلىرى ئەزالىرىنى قولغا ئېلىش مەقسىتىدە 16 مەخسۇس ئوپېراتسىيە يۈرگۈزگەن. ئۇ 2011-ۋە 2012-يىللارنى سېلىشتۇرۇپ، بۇ يەرە چوڭ پەرقنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن. 2011-يىلى مۇنداق ھەرىكەتلەر ناھايىتى ئاكتىپلاشقان بولۇپ، ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرى بۇنىڭغا تەييار بولمىغان. ئەمدى 2012-يىلى تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن كۈرىشىش ئورگانلىرى بىرلىشىپ، بىر قانچىلىغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغان. ئامما شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ق. لاقبايېف تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنىڭ دەسلەپكى بەلگىلىرىنىڭ 2000-ۋە 2001-يىللىرى مەيدانغا چىققانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىنىڭ شۇ ۋاقىتتا يۈرگۈزۈلمىگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئۇناسىۋىتى بار گۇرۇپپىلار ھازىرمۇ قولغان ئېلىنماقتا. «نۇر كز» دا ئېلان قىلىنغان «تەبلىغى جامائەت» دىنىي ئەسەبىي تەشكىلات دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ، قازاقىستاندا مەنىي قىلىندى» ماقالىدە ئاستانا شەھىرى ناھىيىلىك سوتىنىڭ قارارىغا بىنائەن «تەبلىغى جامائەت» نامىدىكى خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ پائالىيىتى قازاقىستاندا مەنئى قىلىنغان. مەزكۇر سوت مۇنداق قارار ئېلىشنىڭ ئالدىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ رۇسىيىدە، ئۆزبەكىستاندا، تاجىكىستاندا سوت ئارقىلىق مەنىي قىلىنغانلىقى توغرىلىق ماتېرىياللارنى ھېسابقا ئالغان.