قاراقاش ياۋا يېزىسىدىكى ساقچى خادىمى: «يېزىمىزدا دىنىي زاتلارنىڭ تەڭدىن تولىسى سولاقتا»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.10.21
qaramay-diniy-zat.jpg دىننى زاتلار ۋە دىننى خىزمەتكە مەسئۇل خادىملار قاتناشقان دوكلات يىگىنىدىن كۆرۈنۈش. 2007-يىلى قاراماي.
RFA/Éhsan

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دائىرىلەر بۇلتۇرنىڭ ئاخىرى ۋە بۇ يىلنىڭ بېشىدا ۋەزىپىسىز دىنىي زاتلارنى «ياۋا ئاخۇنلار» دەپ ئاتىغان ۋە «قاتتىق نازارەت قىلىشقا تېگىشلىك 6 خىل كىشىلەر» قاتارىغا كىرگۈزگەن ئىدى. ئەمما بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» كېڭەيتىلگەندىن كېيىن، ۋەزىپىلىك، يەنى كىنىشكىلىق دىنىي زاتلارمۇ زەربە ئوبيېكتىغا ئايلانغان. ئاشكارىلىنىشىچە، پەيزىۋاتنىڭ شاپتۇل يېزىسىدا ئالىم ھەسەن قاتارلىق دىنىي زاتلار كېسىلىپ كەتكەن بولسا، قاراقاشنىڭ ياۋا يېزىسىدىكى 70 ئەتراپىدىكى دىنىي زاتنىڭ تەڭدىن تولىسىدىن چاتاق تېپىلىپ «يېپىق تەربىيە» ئۈچۈن سولىۋېلىنغان. كورلىدا «سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى» نامىدا «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» ئېچىلىپ، 40 نەپەر دىنىي زاتقا خىتاي تىلى ئۆگىتىلمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكەن يىلى 6 خىل كىشىلەرنى قاتتىق نازارەت قىلىش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارغان؛ بۇلار سابىق مەھبۇسلار، ۋەزىپىسىز دىنىي زاتلار، تارقاق ھەج قىلىپ كەلگەنلەر، ئايال مېيىت يۇغۇچىلار قاتارلىقلار ئىدى. بۇلار ئۆتكەن يىلى ۋە بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېچىلغان «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە سەۋەبسىز بىر مەھەل تۇتۇپ تۇرۇلغان؛ يىغىن ۋە مۇراسىمدىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قويۇۋېتىلگەن ئىدى. ئەمما بۇ يىل 3‏-ئايدىن باشلاپ «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» كېڭەيتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋەزىپىسىزلا ئەمەس، ھەتتا ۋەزىپىلىك دىنىي زاتلارمۇ سولىۋېلىنغان.

كورلىنىڭ قارا يۇلغۇن يېزا ئارا بۇغرا كەنت سېكرېتارىنىڭ بايان قىلىشىچە، كورلىدا «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» نىڭ تۆتىنچىسى «سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى» نامىدا تەسىس قىلىنغان ۋە ئۇنىڭدا نۆۋەتتە 40 نەپەر دىنىي زاتقا خىتاي تىلى ئۆگىتىلمەكتە. دائىرىلەر، دىنىي زاتلار خىتاي تىلىنى بىلگەندە قانۇن جەھەتتىن خاتالاشمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

پەيزىۋاتتا ئالىم ھەسەن قاتارلىق ۋەزىپىسىز دىنىي زاتلار 7 يىللىقتىن كېسىلگەن. قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ياۋا يېزىسى 30500 نوپۇس، 22 كەنتتىن تەركىب تاپقان. ھەر بىر كەنتتە 2 دىن 4 كە قەدەر دىنىي ۋەزىپىدار زات بار بولۇپ، بۇلارنىڭ تەڭدىن تولىسى يەنى 70 پىرسەنتكە يېقىنراقى نۆۋەتتە «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» دە تەربىيىلەنمەكتە.

ياۋا يېزا 2‏-كەنت ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە سولىۋېلىنغان دىنىي زاتلار ئىلگىرى ھۆكۈمەت يول قويغان، ئەمما ھازىر چەكلىگەن بەزى قىلمىشلار سەۋەبلىك جازالانماقتا.

بىز ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىر پروگراممىمىزدا قاراقاشنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدىكى خىتاي دائىرىلىرىگە 2005‏-يىلى ئىككى گۇماندارنى تۇتۇپ بەرگەن ۋە بۇ قىلمىشى ئۈچۈن مۇكاپاتلانغان ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» قۇربان باراتنىڭ 4 نەۋرىسىنىڭ بۇ يىلقى قاتتىق زەربىدە 6 يىلدىن 8 يىلغىچە كېسىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈن ۋەزىپىسىزلا ئەمەس، بەلكى بىر مەھەل ئەتىۋارلانغان بىر قىسىم ۋەزىپىلىك دىنىي زاتلارنىڭمۇ سولاقتا تەربىيىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.