ئۇيغۇر دىنىي زىيالىي: ئۇيغۇر دەۋاسىنى ياڭرىتىش ئۈچۈن ئىخلاس بولۇشى لازىم

0:00 / 0:00

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار بۇ جاينىڭ ئەڭ كونا مۇھاجىرلىرىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ ۋە باشقىلارنى قايىل قىلىپ كەلگەن ئىكەن.

ھالبۇكى، زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئانا ۋەتىنىنى بىلىدىغان ۋە تەلپۈنىدىغان پېشقەدەملەرنىڭ تۈگەپ كېتىشى بىلەن يېڭى ئەۋلاد ئىچىدە ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئاجىزلاشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولسا، ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئەرەب دۇنياسىغا تونۇتۇش كۆلىمىمۇ تارايغان.

بۇ، نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پېشقەدەملىرى ۋە زىيالىرىنى ئەندىشىگە سالىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

بۇ ھەقتە توختالغان سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى سىراجىدىن ئەزىزى ئۇيغۇر دەۋاسىنى تونۇتۇشتا ئىزچىللىق ۋە ئىلمىيلىق بولۇشى زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇلارنى پەننىي ۋە دىنىي نۇقتىدىن يېشىپ چۈشەندۈردى.

سىراجىدىن ھاجىم مۇنداق دېدى: «ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىغا ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تونۇشنىڭ ۋاسىتىلىرى كۆپ. ھەركىم ئۆزىنى باشقىلارغا تونۇتماقچى بولسا، شۇلارنىڭ تىلىدا تونۇتۇشقا موھتاج بولىدۇ. مېنىڭچە، ئەرەبلەرگە ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەرەب تىلىنى مۇكەممەل ئۆگىنىش كېرەك. يەنە بىر ۋاسىتە بىزدە مەلۇمات ۋاسىتىسى بولۇشى كېرەك، ۋەتەندە بولۇۋاتقان زۇلۇملارنى، بېسىملارنى خەلقى ئالەمگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇشىمىز لازىم.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ھازىرقى دۇنيادا قۇرۇق سۆزگە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. ھەربىر سۆزىمىز ۋە مەلۇماتىمىز ئىشەنچلىك ۋە مەنبەلىك بولۇشى لازىم. بىزدە يەنە بۇ دەۋانى ياڭرىتىش ئۈچۈن ئىخلاس بولۇشى لازىم ئىخلاس بولمىغاندا بىزنىڭ ئىشلىرىمىز مۇناپىقلارچە ئىش بولۇپ قالىدۇ. بىز ئۇيغۇر دەۋاسىنى پەقەت مەسىلىمىزنى ھەل قىلىۋېلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغانلاردىن بولماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى مۇنداقلار مۈشكۈلاتىنى ھەل قىلىۋالغاندىن كېيىن بۇ دەۋانى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بېشىمىزغا كۈن كەلگەندە باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ۋە ھېسداشلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دەۋاسىنى بازارغا سېلىپ سېتىپ، ئىشىمىز ھەل بولغاندا ئۇنتۇپ كەتسەك بۇ توغرا بولمايدۇ. مۇسۇلماندارچىلىق دېگەن نامازنى ئوقۇپ قويۇپ، زاكات بېرىپ قويۇش بىلەن ئادا تاپمايدۇ. بۇ دېگەنلەر ئەڭ ئاددىي مەجبۇرىيەتلەردۇر. ئەمما ھەقىقىي مۇسۇلمانچىلىق دېگەن ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى بىلىش، ھەق بىلەن باتىلنى پەرق ئېتىدىغان، دوست بىلەن دۈشمەننى پەرق ئېتەلەيدىغان، ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش يولىدا ھەر نەرسىسىنى پىدا قىلالايدىغان سەۋىيىگە يېتىش بىلەن بولىدۇ. بىر ھەدىستە ‹سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار كىشىلەرگە مەنپەئەتلىك بولغانلىرىڭلاردۇر› دەپ كەلگەن. دىنىمىزنى قوغداش يولىدا بىر كىشىلىك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلالمىساق بىزنىڭ ئىبادەتلىرىمىزنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن! بىزنىڭ دەۋايىمىز ئىسلامىي دەۋا بولغان ئىكەن، بىز مۇسۇلمانلىق سۈپىتىمىز بىلەن ئىگە بولۇشىمىز لازىم.»