ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۆھتەرەم قېرىنداشلار! دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن تەڭ دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى بۇ ئەۋزەل كۈنلەرنى تائەت - ئىبادەت ۋە زىكىر - تەسبىھلەر بىلەن ئۆتكۈزۈپ، قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.
ھەممىمىزگە مەلۇم، قۇربان ھېيت ھىجرىيە زۇلھەججە ئېيىنىڭ 10- كۈن يەنى مىلادىيە 2013- يىلى 10- ئاينىڭ -15 كۈنى بولىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قۇربان ھېيت بايرىمى دىنىي ۋە شۇنداقلا مىللىي بايرام بولغاچقا ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ قۇربان ھېيتنى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ۋەتەنداشلار بىلەن جەم بولۇشۇپ تەبرىكلەپ، بۇ كاتتا بايرامنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسىنى داۋام قىلىپ كەلدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم قۇربان ھېيت ھارپىسىدا ئالاھىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئايەملىك سالام يوللىدى ۋە بىرلىك ئىتتىپاقلىققا، بىر بىرىگە مەدەت ۋە ياردەمدە بولۇپ، دىنىي ۋە مىللىي بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.
0:00 / 0:00