11-ئاينىڭ 27-كۈنى «دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى» خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى.
بايانات مۇنداق باشلانغان: «ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي كونتروللۇقى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا ھەر خىل بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى دىنىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر كېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنى «قايتا تەربىيىلەش» دېگەن نامدا جازا لاگېرلىرىغا مەجبۇرىي سۇلاپ قويۇشى دىققەت قوزغىماقتا. جازا لاگېرلىرىدا ئۇلارنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنى دىنىي ئەقىدىسىدىن، مىللىي مەدەنىيەتلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل قەبىھ بېسىملارنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى مەسچىتكە كىرىشتىن، دىنىي تەلىم ئېلىشتىن چەكلەۋاتقانلىقى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىگىمۇ چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.»
«دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى» باياناتىدا خىتاينىڭ بېسىم قىلمىشلىرىدىن ياخشى ئاقىۋەت چىقمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېيىلگەن: «دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئېغىرلىقى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ئەھۋالغا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ شۇنداقلا بۇنىڭ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر ۋەزىيەت مۇشۇنداق داۋام قىلىۋەرسە ئاقىۋىتىنىڭ خىتاي ئۈچۈنمۇ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.»
باياناتتا يەنە خىتايغا بىر قانچە نۇقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېيىلگەن:
1-خىتاي بىلەن ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ چېكىنىشىگە ۋە بۇزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.
2-خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە دىنى ئەركىنلىكىگە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا، جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مۇسۇلمانلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىدۇ.
3-خەلق ئاممىسىنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دىنى ھەق-ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشكە چىقىرىدۇ. شۇلارنىڭ ئىچىدە مەسچىتلەرنى ياساپ بېرىش، دىنى تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرى ئېچىپ بېرىش، مۇسۇلمان بولسۇن-بولمىسۇن، ھەر قايسى دىندىكىلەرنىڭ خۇسۇسىي ۋە ئاممىۋى دىنى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشقا شارائىت يارىتىپ بېرىش، مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ساياھەت قىلىشىغا رۇخسەت بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
باياناتنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا ئالىملار بىرلىكى «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنى بۇ مەسىلىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلدى.
مەزكۇر باياناتقا «دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى» نىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام رەيسونىي بىلەن باش كاتىپ دوكتور ئېلى مۇھىددىن ئەل قاراداغى ئىمزا قويغان.
دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان بولۇپ، تىۋېتتىر ھېسابىدا 169 مىڭ ئەگەشكۈچى، فېيسبۇك سەھىپىسىدە 2 مىليون 931 مىڭ ئەگەشكۈچى بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار يازغان باياناتنى بىرلىكنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ھەم ئەرەبچە ھەم ئىنگلىزچە ئىككى تىلدا ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، فېيسبۇك، تىۋېتتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەم تارقاتقان.
«دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا خەلقئارالىق چوڭ يىغىن ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا بىرلىكنىڭ سايلىمى ئېلىپ بېرىلغان ۋە بىرلىكنىڭ رەئىسى يۈسۈپ ئەلقەرىداۋى نامزات بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن فاسلىق بىر دىنى ئالىم «دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى» نىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان. بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سۆز قىلغان.
بىز بۇ بايانات ھەققىدە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئىدارە ھەيئەت باشقۇرۇش ئەزالىرىدىن ئابدۇسالام ئالىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار بەلكىم تارىختا بۇنچىۋالا ئېغىر زۇلۇمغا دۇچ كەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن، خىتاي كەڭ كۆلەمدە يوق قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، تارىختا زۇلۇملار بولغان، ئەمما بۇنچىلا ئېغىر ۋە كەڭ كۆلەمدە بىر مىللەتنى تۈپتىن يوق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇنداق زۇلۇمنى تارىختا بىز ئۇچراتمايمىز. شۇڭا خىتاينىڭ بۇ زوراۋانلىقىنى چوقۇم توختىتىش كېرەك. ئەلۋەتتە، پۈتكۈل مۇسۇلمانلار، تەشكىلاتلار، مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بۇنىڭغا ئىگە چىقىشى كېرەك، بۇنىڭدا ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك، بىز ئۇلاردىن تەلەپ قىلمايمىز، ئەمما ئۇلار بۇ مەسىلىنى ئۆزلىرىنىڭ دىنى مەجبۇرىيىتى دەپ ئادا قىلىشى كېرەك.»