6-مارت مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان «ئوقۇر جەمئىيىتى» ئۇيۇشتۇرغان «دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇر، سۈرىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سۆز قىلىندى.
يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان سۆز قىلدى.
يىغىندا سۆز قىلغان ئادەم سۆزكەسەن ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، بوسنىيە، چېچېنىيە، كەشمىر، شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق ئونلىغان دۆلەت ۋە رايونلاردا مۇسۇلمانلار بۈگۈنكى 21-ئەسىرنىڭ فىرئەۋىنلىرى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنىۋاتىدۇ.
زۇلۇمنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاشنىڭ، مەزلۇملارنى تۈگىتىشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى، قېرىنداشلىقىمىزنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ بىر-بىرىمىزگە بولغان قېرىنداشلىقنى كۈچلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.»
ئادەم سۆزكەسەن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر قاتارلىق مەزلۇم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىدا بولۇپ قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا يەنە، ئۇيغۇرلار ۋە ئاراقان مۇسۇلمانلىرىغا ئالاقىدار تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى.
فىلىمدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مىللىي ۋە مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلغاندىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئەمەلىي كۆرۈنۈشلەر ۋە پاكىتلار بىلەن تەسۋىرلەنگەن.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىندا سۆز قىلغان ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇلئەھەد ئەپەندى بۇ خىل يىغىنلارنىڭ تۈركىيەدە كۆپلەپ ئېچىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىنغا ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ئوقۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ مىڭ ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان.
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى بىنگال ئاراقان ۋەكىلى مۇھەممەد ئابەد ئېلى ئەپەندى ئاراقان مۇسۇلمانلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى.
ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى مەھمۇت نۇرىددىن شابان ۋە ژۇرنالىست تەتقىقاتچى ئۈمىد ئەردوغان ئەپەندىلەر، سۈرىيە مۇسۇلمانلىرىغا ئالاقىدار سۆز قىلدى.