ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق رامىزان پائالىيىتىگە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرمۇ قاتناشتى

0:00 / 0:00

مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن 17-ئىيۇن كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 8-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق رامىزان پائالىيىتىگە ئىستانبۇلدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەكلەر كۆرسەتكەن. بۇلاردىن باشقا «ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيى» نامىدا مەخسۇس بۆلۈم ئېچىلىپ ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۇيۇملىرى تونۇشتۇرۇلدى.

رامزاننىڭ 22-كۈنىدىكى پائالىيەتكە تۈركىي مىللەتلەردىن قاراقالپاقلار بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، كېچىئۆگەن رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى مۇستافا ئاقنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر خەلقئارالىق پائالىيەتكە تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن مۇرات ئالپارسلان، يۈسۈف سالاھىددىن بەيلىكبەي، سابىق پارلامېنت ئەزالىرىدىن مۇرات يىلدىرىم، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار كومىتېتى مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزۇيغۇر خانىم، قاراقالقاپلار قۇرۇلتىيى رەئىسى سەيفۇللاھ تۈركسوي ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ھەم تۈرك ئاممىسىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇرات يىلدىرىم ئەپەندى، ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتقىدا، تۈركىيەنىڭ ھەر دائىم بېسىم ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان مەزلۇم مىللەتلەرگە ئىگە چىقىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئېلىپ بېرىپ بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ۋە «ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۆيى» نى ئاچقان مۇنەۋۋەر ئۆزۇيغۇر خانىم ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتقىدا، شەرقىي تۈركىستانغا بولغان سېغىنىشىنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەدە ئۆز ۋەتىنىدە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇرات يىلدىرىم ئەپەندى ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتقىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۈنسايىن ھېس قىلىۋاتىمىز. تۈركىيە دۇنيادىكى مەزلۇم ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ ئۈمىدى بولۇشقا داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىزنى بۇ يەردە بىر يەرگە جەم قىلغان رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئالدىمىزدا كېلەي دەپ قالغان روزى ھېيتىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە ۋە دۆلىتىمىزگە خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن».

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى كېچىئۆرەن رايونى 8 يىلدىن بېرى خەلقئارالىق رامزان مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. 10 كۈن داۋاملىشىدىغان پائالىيەتكە 10 دۆلەتتىن سەنئەت ئۆمىكى تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرۇلماقتا. بۇ يىلقىغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار كومىتېتى مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزۇيغۇر خانىم قاتناشقان.

مۇنەۋۋەر ئۆزۇيغۇر خانىم 8-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق رامزان پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەنلىكىنى، كىچىك مۇجاھىت قەشقەرلىنىڭ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغانلىقىنى، ياخشى بىر پائالىيەت بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

8-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق رامزان پائالىيىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى رەنا قاراخان خانىم بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

رەنا قاراخان خانىم بۇ پائالىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەتلا زۇلۇم ئاستىدا ياشىغان بىر مىللەتلا ئەمەس، بەلكى ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداپ قالغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
7-ئىيۇن كۈنىدىن 17-ئىيۇن كۈنىگىچە داۋاملاشقان 8-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق رامزان پائالىيىتىگە ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، بوسنىيە قاتارلىق 10 دۆلەتتىن سەنئەت ئۆمەكلىرى قاتناشقان. بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىم قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەنئەت نومۇرلىرى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.