تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى كۈچىيىش بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ چىقىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەر ۋە دىن» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى چېگرا رايونلار ئىنستىتۇتى مۇدىرى گۇاڭ چېڭشىڭ يىغىندا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ» نى بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ مېغىزى-تۈگۈنى دەپ قاراۋاتقانلىقىنى، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب «شىنجاڭنىڭ مىسلىسىز ئەھمىيەتكە ئىگە بىر زېمىن» ئىكەنلىكىنى، 8 دۆلەت بىلەن چېگرىداش ئىكەنلىكىنى ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ناھايىتى ئاز كىشى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا، يەنە خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مۇتەخەسسىسى ئادىل غېنى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ياڭ شېڭمىڭ، خىتاي خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى مۇئاۋىن باشلىقى دۇڭ مەنيۇەن، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى» مۇتەخەسسىسى ما پىنيەن ۋە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دىلمۇرات ئۆمەر قاتارلىق بىلىم ئادەملىرى قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.
كرى تۈرك تور گېزىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، يىغىنغا قاتناشقان بىر مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا مۇسۇلمان ئىسىملىرى قويۇشى چەكلىنىپتۇ، روزى تۇتۇشى چەكلىنىپتۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ دېگەن سوئالىغا دىلمۇرات ئۆمەر، شىنجاڭدا قەدىمدىن تارتىپ ھەر خىل دىندىكى كىشىلەرنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ 24 مىڭ مەسچىت بارلىقىنى، دادىسىنىڭمۇ روزى تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۆمەر يېقىندىن بۇيان بۇ ھەقتە چىقىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ پۈتۈنلەي يالغان خەۋەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ تۈركىيەدە يىغىن ئاچىدىغان زال تاپالمىغاندەك، ئەنقەرە خوراسان كوچىسىدىكى ئەلچىخانىنىڭ ئىچىدىكى بىر كىچىك زالدا بۇ يىغىننى چاقىرىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق ھالدا «شىنجاڭ تارىختىن بېرى كۆپ مىللەت، كۆپ دىن ياشىغان بىر زېمىن» دەپ تەكىتلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئۇيغۇرلارغا دىنىي چەكلىمە يوق دېگەن سۆزنى داۋاملىق ئۇيغۇرلارغا دېگۈزۈشتىكى سەۋەب نېمە؟ دېگەنگە ئوخشاش بىر يۈرۈش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئىستانبۇلدىكى گېلىشىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى دەرسى ئۆتۈۋاتقان دوكتور قۇتاي قاراجا ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ھەر يىلى رامزان ئېيىدا تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن چەكلىنىۋاتقانلىقى كۈن تەرتىپكە كېلەتتى. بۇ يىلمۇ گەرچە بۇرۇنقى يىللاردىكىدەك كۆپ بولمىسىمۇ يەنىلا تەرتىپكە كەلدى. بۇنداق بىر مۇبارەك ئايدا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەر ۋە دىن» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىشى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەدە كۆپ ساندا ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات مەركىزى تۇرۇقلۇق، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىچىدىكى كىچىك بىر زالدا بۇ يىغىننىڭ چاقىرىلىشىنىڭ غەلىتە بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار قېرىنداش مىللەت بولۇپ، تۈركلەرنىڭ كۆپى ئۆزلىرىنىڭ تېگىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى دەيدۇ. ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېغزى بىلەن «ئۇيغۇر دىيارىدا ھېچقانداق بېسىم يوق» دەپ دېگۈزىدۇ. بۇ قېتىممۇ دىلمۇرات ئۆمەر ناملىق مۇتەخەسسىس ئۇيغۇر دىيارىدا دىنىي بېسىم يوقلۇقىنى، دادىسىنىڭ روزى تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنداق ئادەملەرنىڭ سۆزىگە ھېچكىمنىڭ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىستانبۇلدىكى گېلىشىم ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور قۇتاي قاراجا ئەپەندى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن 2 دۆلەتنىڭ دۇرۇس بولۇشى كېرەكلىكىنى، بۇ خىل يىغىنلار بىلەن ئەمەس، ئىككى دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى ئەركىن ھالدا مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بارالايدىغان مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ئېچىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈرك-خىتاي مۇناسىۋىتىدە قەدىمدىن تارتىپ بىر-بىرىدىن گۇمانلىنىش بار. بۇنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› دىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەگە بولغان تەسىرى. بۇ مەسىلىدە ئىككىلا تەرەپ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىلمىي يىغىنلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاندىن ھەل قىلىش يولىنى ئىزدەش كېرەك. خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئېچىلغان تەشۋىقات يىغىنلىرى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلىغىلى بولمايدۇ. مەن يەنە شۇنى تەكىتلىمەكچىمەنكى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلىغىلى بولمايدۇ، بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.»
ئاخباراتلارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر يىغىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول قۇرۇلۇشىنى دۇنياغا تونۇتۇش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان.