ئەنخۇيدا ساختا مۇسۇلمانچە مەخسۇلاتلارنى چەكلىگەن تۇڭگانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى مۇنازىرە قوزغىدى

0:00 / 0:00

22-ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ لىڭچۈەن ناھىيىسىدە سېتىلىۋاتقان ساختا مۇسۇلمانچە مەخسۇلاتلارنى چەكلەش ھەرىكىتىگە باشلامچىلىق قىلغان ناھىيىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق 21 نەپەر تۇڭگان «قارا جەمئىيەت» تۈسىنى ئالغان «دىنىي ئاشقۇنلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقىلىپ، خىتايدىكى تۇڭگان تورداشلىرى ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغىدى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ماخەييۈن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشا قاتارلىق تۇڭگانلار ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدىمۇ تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەر خىل باھانىلاردا تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆپەيگەن» لىكىنى ، «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇشىنى بارغانچە كېڭەيتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن مۇسۇلمانلارنى ‹دىنىي ئاشقۇنلۇق›، ‹دىنىي رادىكاللىق› قاتارلىق قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن ۋەزىيەت شەكىللەندۈرگەنلىكى» نى بىلدۈردى. دىققىتىڭلار پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىدا بولسۇن.

خىتايدا ئومۇملاشقان ۋىچات قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇستىلىرىدا 22-ئۆكتەبىر تارقالغان «ئەنخۇي لىڭچۈئەن ناھىيىسى ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋە تۇڭگان مەسچىتلىرىنىڭ ئاخۇنلىرىدىن 21 كىشى قارا جەمئىيەت قۇرۇپ ئاۋامنى قايمۇقتۇردى دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلىندى» سەرلەۋھىلىك خەۋەرلەر تارقالدى.

ئامېرىكا مارىلەن شتاتى فورسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى، شىنجاڭ ۋەزىيىتى ۋە خىتاي مۇسۇلمانلىرى تەتقىقاتچىسى ما خەييۈن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋىچات تورىدا تارقالغان ئەنخۇيدا تۇتقۇن قىلىنغان 21 نەپەر تۇڭگان مۇسۇلمان ھەققىدىكى خەۋەر ۋە بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ما خەييۈن: شۇنداق مەن ئەنخۇي لىڭچۈئەن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان گۇرۇھ تەشكىللەپ، ئاۋامنى قايمۇقتۇردى» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان 21 نەپەر تۇڭگان مۇسۇلمان ھەققىدىكى خەۋەرگە ۋە بۇ ھەقتىكى نارازىلىق ئىنكاسلىرىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان بۇ تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى لىڭچۈئەن ناھىيىلىك ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلى مېيى، ناھىيىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ناھىيىدىكى مەسچىتلەرنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل باي سوڭكۈئەن، لىڭچۈئەن ناھىيىلىك چېڭگۈئەن مەسچىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئىمامى خوڭ شىنفۇ ۋە ناھىيىلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىنى ۋە بىر تۈركۈم دىنىي زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 كىشى بولۇپ، بۇ كىشىلەر ناھىيىدىكى بىر قىسىم خىتاي تىجارەتچىلىرى تەرىپىدىن سېتىلىۋاتقان ساختا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر مەسىلىسى ۋە خىتاي تىجارەتچىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە مۇقەددەس دەپ قارالغان «دۇئا»، «تۇمار»،«تەسۋى» قاتارلىقلارنى چوشقا گۆشى ۋە چوشقا مېيى بىلەن پىشۇرۇلغان تاتلىق-تۈرۈملەر بىلەن بىر جايغا قويۇپ سېتىش ئەھۋالىنى چەكلەش ھەرىكىتىدە باشلامچىلىق قىلغىنى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان. بىلىشىمچە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئۇلارغا «قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان گۇرۇھ تەشكىللەپ، جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق چىقارغان، مۇقىملىقىنى بۇزغان؛ ھۆكۈمەتنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر تۈزۈمى ۋە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان، مىللىي كەمسىتىش خاھىشىنى ئاشكارا ئىپادىلىگەن» دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلىپ، ئۇلار ئۈستىدىن 26-ئۆكتەبىر كۈنى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتە سوت ئېچىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن تۈنۈگۈندىن بۇيان خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا نارازىلىق ئىنكاسلىرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

ما خەييۈن ئەپەندى يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىكى نارازىلىق ئىنكاسلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «ساختا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى چەكلەش ھەرىكىتى ئەسلى خىتاينىڭ دىنىي ئىشلار ۋە مىللىي ئىشلار قانۇنىدا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئۆرۈپ ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى قوغداش› ماددىسىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت. ئەمما ھازىر لىڭچۈئەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ‹ساختا مۇسۇلمانچە يېمەكلىك› ساتقان خىتاي تىجارەتچىلىرىنى جازالاپ، ناھىيىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ نارازىلىقىنى بېسىشنىڭ ئەكسىچە، ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى قوغدىغان ۋە تەدبىر قوللانغان تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى جازالىشى ئەلۋەتتە تۇڭگانلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، توردىكى نارازىلىق ئىنكاسلىرىغا سەۋەب بولغان» دېدى.

ما خەييۈن ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى ۋە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا «خىتايدا مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان سىياسەتتە تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان دىنىي سىياسەت نىسبەتەن كەڭ، تۇڭگانلار ئۇيغۇرلاردەك دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى قاتتىق چەكلىمە ۋە باستۇرۇشقا ئۇچرىمايدۇ» دېگەن قاراشلارغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مىنگو دەۋرىدىلا تۇڭگانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى باستۇرۇلغان ۋەقەلەر ھەققىدىكى بايانلار بار ئىدى. كوممۇنىست ھاكىمىيەت تارىخىدىمۇ ئەلۋەتتە تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى باستۇرۇلغانلىقىغا ئائىت پاكىتلار كۆپ ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ، بۇلتۇردىن بۇيان تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ۋە باستۇرۇش ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە » دېدى.

ئۇ ئۆتكەن ھەپتە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇ شەھىرىدىكى بىر تۇڭگان ئىمامنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىن ئەۋەتىلگەن دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىنىمۇ نەقىل ئېلىپ، خەلقئارادا قاتتىق ئەيىپلەشكە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان دىنىي باستۇرۇشىنىڭ نۆۋەتتە تۇڭگانلار ئولتۇراقلاشقان باشقا ئۆلكىلەرگە كېڭىيىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن تۇڭگانلارغىمۇ «دىنىي ئاشقۇنلۇق»، «دىنىي رادىكاللىق» قاتارلىق قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور ما خەييۈن يەنە مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ھەپتە گەنسۇنىڭ لەنجۇ شەھىرى شىنگۈئەن مەسچىتىنىڭ ماجۈن ئىسىملىك ئىمامىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىن كەلگەن دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىك خەۋىرى تارقالدى. ئىگىلىشىمچە لەنجۇ شەھىرىدىكى تۇڭگانلار ھازىرغىچە ئىمام ماجۈننىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىمۇ ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە خەۋەر بەرمىدى. تېخى بۇ يىل رامزان مەزگىلىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇسىدىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا ئىمام ماجۈن ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر بېرىلىپ، ئۇنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرى ئالاھىدە ماختالغان ئىدى. مانا ھازىر ئاقسۇدىكى ساقچىلار ئۆلكە ئاتلاپ لەنجۇ شەھىرىگە كېلىپ ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ ئاقسۇغا ئېلىپ كېتىپتۇ. بۇ ۋەقە ئېسىمگە مەشھۇر ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن ئۈرۈمچىدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىنى ئەسلەتتى. يېقىندىن بۇيان تۇڭگانلاردىن بولغان دىنىي زاتلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەلىرى بارغانچە كۆپىيىۋاتىدۇ. ئىلگىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئانچە دىققىتىنى تارتمىغان تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي باستۇرۇشقا ئۇچراش ئەھۋالىغا دائىر خەۋەرلەر يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا كۆپىيىۋاتىدۇ. مەن بۇ ئەھۋاللارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىزچىل ئېلىپ بېرىۋاتقان ‹دىنىي ئاشقۇنلۇق، دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىش› نامىدىكى دىنىي ئېتىقادنى باشتۇرۇش ھەرىكىتىنى خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا كېڭەيتىۋاتقانلىقى ئىلگىرىكى چاغلاردىن كۈچەيتكەنلىكىلىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايمەن».