رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بېيجىڭ سەپىرىدە پەقەتلا بىرلا ئۇيغۇر بىلەن كۆرۈشكەن

0:00 / 0:00

بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە پەقەتلا بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئادىل ھاجى كېرىم بىلەنلا ئۇچراشقان ۋە سۆھبەتتە بولغان.

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 28-ئىيۇلدىن 30-ئىيۇلغىچە بولغان ئۈچ كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىدە بېيجىڭدىكى ئۇچرىشىشلاردا ئۇيغۇرلاردىن پەقەتلا جۇڭگو ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، « جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى» ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ باش مۇھەررىرى ئادىل ھاجى كېرىم بىلەن كۆرۈشكەن ۋە مەزكۇر ژۇرنال ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم ئادىل ھاجى كېرىمنىڭ خىزمەت بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئېلىپ بېرىلغان جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتتى.

جۇڭگو ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ھاجى كېرىم مىسىردىكى ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان تۇنجى قاراردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ 1982-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا توققۇز يىل ئىلىم ئالغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلگىرى ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان، ھازىر تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى، تەتقىقاتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

تەتقىقاتچى ئابدۇجېلىل تۇران سۆزىدە، ئادىل ھاجى كېرىم باشلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ 1950-يىللاردىن كېيىنكى ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان تۇنجى قارارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئىلگىرى ئەل زەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر دىنىي ئالىملىرى ھەققىدە توختالدى.

ئادىل ھاجى كېرىم 1965-يىلى ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۈرۈمچىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، دۆلەت تەرىپىدىن مىسىردىكى ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. كېيىن ئوقۇشنى تاماملاپ ۋەتىنىگە قايتقان. 1991-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىدە خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. ئۇ، جۇڭگو ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىدە خىزمەت قىلىش جەريانىدا خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ تەرجىمانى ۋە مۇدىرى شۇنداقلا مائارىپ ئوقۇتۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.