تۈركىيە باش مىنىستىرى: شەرقىي تۈركىستاندا دەرد-ئەلەم تارتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيمەن

0:00 / 0:00

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەر يىلدىكىدەك ھېيت تەبرىك باياناتى ئېلان قىلدى. ھېيت تەبرىك باياناتىدا تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:
«مۇبارەك قۇربان ھېيتىڭلارنى چىڭ كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. بۇ ھېيتنىڭ مىللىتىمىزگە ئىسلام دۇنياسىغا خەير ئېلىپ كېلىشىنى، مۇقەددەس كەبەدە تاۋاپ قىلىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۇئالىرىنى ئاللاھ قوبۇل قىلغاي. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بولۇپمۇ سۈرىيەدە، مىسىردا، مىيانماردا، پەلەستىندە، شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم ئاستىدا دەرد-ئەلەم تارتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بالدۇرراق تىنچلىققا، مۇقىملىققا ئېرىشىشىنى تىلەيمەن.»

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەروغاننىڭ 12 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ھېيت تەبرىكنامىسىدە شەرقىي تۈركىستاننى تىلغا ئېلىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.