قەشقەر يېڭىشەھەرنىڭ ھاراپ يېزىسىدىكى دىنىي زات ئەخمەتجان ھەيدەر 2012-يىلى يەر ئاستى دىنىي مەكتەپ ئېچىش بىلەن ئەيىپلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ۋە كېسىلگەن. ئۇ ئۆتكەن يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئارىدىن 4 ئاي ئۆتكەندە ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگەن قەشقەر چاسا باشقارمىسىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى، ئەخمەتجان ھەيدەرنىڭ تۇتۇلۇشىغا ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇچۇرنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ۋە تۇتۇش ئوپېراتسىيەسىگە ئۆزىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، ئەخمەتجان ھەيدەرنىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچى بىلەن تۇتۇلغانلىقى ۋە تۇتۇش ئوپېراتسىيەسىگە ئۆزىنىڭمۇ قېتىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. قەشقەر چاسا باشقارمىسىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى يەنە ئەينى چاغدا ئەخمەتجان تەربىيەلىگەن 16 ئۆسمۈرنىڭ جازالانمىغانلىقىنى، بۇنىڭغا شۇ يىلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بۇ يىلقىدەك دەرىجىدە قاتتىق ئەمەسلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
چاسا ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايانلىرىدىن ئەخمەتجان ھەيدەرنىڭ ئەينى چاغدا قانچە يىللىق كېسىلگەنلىكى، بۇلتۇر جازا مۇددىتى توشۇپ ياكى سالامەتلىك ئەھۋالى سەۋەبىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئەخمەتجان ھەيدەرنىڭ تۈرمىدىن چىققاندا ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشقانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، بۇ ئاجىزلىشىشىنىڭ تۈرمىدىكى ناچار ئوزۇقلىنىشتىن ياكى ئېغىر ئەمگەك سەۋەبىدىن ئىكەنلىكى، كېسەل يۇقتۇرۇۋالغانلىقى ۋە ياكى قېيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
بىز ئەخمەتجان ھەيدەرنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ھاراپتىكى ساقچى خادىملىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىلار ھاراپتا ئەخمەتجان ھەيدەر ئىسىملىك بىرىنىڭ بولغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى، ئەمما، ئۇنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ئائىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.
ئاھالىلەردىن بىرى ئەخمەتجان ھەيدەرنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشتىن ئاۋۋال ساغلام بىر كىشى ئىكەنلىكىنى، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن قورۇسىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، ۋەزىيەتتىكى كەسكىنلىك سەۋەبىدىن يۇرت-جامائەتنىڭ ئۇنى يوقلاشقا ئامالى بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىكى ھالىتىدىن ئائىلە ئەزالىرىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. مەزكۇر كىشى يەنە ئەخمەتجان ھەيدەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئۇشتۇمتۇت مۇسىبەتكە كۆپ يىغلىغانلىقى ۋە ئائىلە ئەھۋالىدىن زارلانغانلىقى ئۈچۈنلا «ھۆكۈمەتتىن نارازى بولۇش» گۇمانى بىلەن تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. چاسا ئامانلىق مۇدىرىمۇ، ئەخمەتجان ھەيدەر ئائىلىسىدىن 5 كىشىنىڭ نۆۋەتتە تەربىيىلەشتە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
ساقچىلار، ئەخمەتجان ھەيدەرنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى تۈگۈل، ئۇنىڭ نوپۇس تەۋەلىكىنى دەپ بېرىشتىنمۇ ئىككىلەندى ۋە ئەندىشە قىلدى. نەتىجىدە بۇلتۇر 50 ياشقا كىرگەن دىنىي زات ئەخمەتجان ھەيدەرنىڭ ئۆلۈمىگە تۈرمە ھاياتىدىكى كونكرېت قايسى ئىش ياكى قايسى شارائىتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ۋە ياكى تەسىر كۆرسەتكەنلىكى يەنىلا سىر پېتى قالدى.
تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇزۇن ياشىيالماسلىق ھادىسىسى ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقماقتا. خەۋەر ئارخىپىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى يىلى يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى مەھبۇس داۋۇت ساۋۇت قاماقخانىدىكى مەزگىلدە جان ئۈزگەن. دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئونسۇ ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ خادىمى گۈلنۇر ئابلەتمۇ دېلو ئاخىرلاشتۇرماي تۇرۇپ سالامەتلىكىدىن مەسىلە چىققان ۋە ئائىلىسىگە قايتۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئەڭ يېقىنقى ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجىدىكى «مېلودىيە» چايخانىسىنىڭ ساھىبى ياسىنجان مويدىن بۇلتۇر يىل بېشىدا تۇتۇلۇپ، يىل ئوتتۇرىدا زەمبىلگە سېلىنىپ قايتۇرۇلغان ۋە يىل ئاخىرىدا دۇنيادىن ۋىدالاشقان.