0:00 / 0:00
4-ئۆكتەبىر فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار رېئىمىس شەھىرىدىكى باغچىغا جەم بولۇپ قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.
فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر پائالىيەتكە فىرانسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتناشقان.
قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىرلىكتە جەم بولۇپ ئۆتكۈزگەن.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ۋە پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.