فرانسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ 33-نۆۋەتلىك يىغىلىشىدا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋازى ياڭرىدى

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە پارىژدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان فرانسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ زور كۆلەملىك يىللىق يىغىلىشىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋازى ياڭرىغان.

دوكتور ئابدۇللا ئالىمنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن سۆزلىگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى نۇتقى ھەمدە شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەزكۇر يىغىن ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلىغان ۋىدېئو فىلىمى نەچچە ئونمىڭلىغان يىغىن قاتناشچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.

بۇ يىل 31-مارتتىن 1-ئاپرېلغىچە پارىژدا چاقىرىلغان فرانسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ 33-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىلىشى فرانسىيىدىكى بىرقانچىلىغان مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان. مەزكۇر يىغىلىشقا ياۋروپا ئەللىرى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. بۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ فرانسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ يىللىق يىغىلىشىغا تۇنجى قېتىم تەكلىپ بىلەن قاتنىشىشى ئىكەن.

فرانسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ يىللىق چوڭ يىغىلىشىغا فرانسىيىنى ئاساس قىلغان ياۋروپا ئەللىرىدىن شۇنداقلا رۇسىيە ۋە ئەرەب ئەللىرىدىنمۇ خېلى زور ساندا ۋەكىللەر قاتناشقان. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ۋاكالىتەن سەئۇدى ئەرەبىستانى، شۋېتسىيە ۋە گوللاندىيىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەر يىغىن مەيدانىدىن ئورۇن ئالغان. بولۇپمۇ دوكتور ئابدۇللا ئالىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى رېئال ئەھۋالى ھەققىدىكى نۇتقى يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. ئارقىدىنلا ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئىشلەنگەن ۋىدېئو فىلىمى نەق مەيداندا قويۇلۇپ، فرانسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئەھمەت تۇرسۇن ۋە ئەيسا قارىملار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.