گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى 30 كۈنلۈك رامىزاننى كۆڭۈللۈك ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 8-ئاۋغۇست كۈنى روزا ھېيت نامىزىنى ئەر، ئاياللار بىرلىكتە ئۆتىدى.
8-ئاۋغۇستتىكى روزا ھېيت نامىزى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن شەھەر مەركىزىدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەت ئورنى بولغان «بىر دۇنيا ئۆيى» گە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى نامازغا ئەرلەر ۋە ھەر خىل ياش-قورامدىكى ئوغۇل پەرزەنتلەردىن سىرت، بىر قىسىم ئاياللارمۇ قاتناشتى. يىللاردىن بۇيان ميۇنخېن شەھىرىدىكى ھېيت نامازلىرى د ئۇ ق نىڭ پائالىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنىۋاتقان ئىدى. ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار سانىنىڭ يىلسېرى كۆپىيىپ بېرىشى بىلەن، قۇرۇلتاي زالى ھېيت نامازخانلىرىنى سىغدۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان.
نامازدىن ئىلگىرى ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىمامى ھەبىبۇللاھ قارى قۇرئانى كەرىمىدىن تەپسىرلەپ قىلىپ، جامائەتنى ياخشىلىق يوللىرىغا دەۋەت قىلدى، ئاندىن يېتىم-يېسىرلارنىڭ ھەققى ئۈچۈن پىتىر-سەدىقىلەر يىغىلدى ۋە ئاندىن ناماز ناھايىتى ئازادىلىك ئىچىدە ئوقۇلدى.
بۇ قېتىمقى ناماز ئۈچۈن ئايرىم زال ئورۇنلاشتۇرغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندى نامازدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. گېرمانىيەدىكى دىنىي زاتلاردىن ئابدۇجېلىل ئەپەندىمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىمقى ھېيت نامىزىغا بولغان قاراشلىرىنى شەرھىيىلىدى. د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىم قۇرۇلتاي نامىدىن پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا بولغان سالاملىرىنى يوللىدى.
ميۇنخېن جامائىتى نامازدىن كېيىن توپ-توپ بولۇشۇپ، ئالدى بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن قەبرىستانلىققا يۈرۈپ كەتتى ۋە قەبرە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھېيت پەتىسىنى باشلاشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتى.