ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىنى د ئۇ ق زالىدا ئوقۇدى

0:00 / 0:00

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى قۇربان ھېيت نامىزىنى د ئۇ ق باش شتابى زالىدا بىرگە ئوقۇپ، بىر-بىرىنىڭ بايرىمىنى قۇتلىدى.

يىللاردىن بۇيان ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھېيت نامازلىرىنى د ئۇ ق نىڭ پائالىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۈگۈنمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار قۇرۇلتاي زالىدا نامازنى بىرگە ئوقۇپ، ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىغا دۇئالار قىلدى ۋە بىر-بىرىنىڭ مۇبارەك بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

نامازدىن ئىلگىرى ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىمامى، د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇنھاجىم قۇرئانى كەرىمىدىن تەپسىر قىلىپ، جامائەتنى ياخشىلىق يوللىرىغا دەۋەت قىلدى، ناماز ناھايىتى ئازادىلىك ئىچىدە ئوقۇلدى.

بۇ قېتىمقى نامازغا داخىل بولغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، كېلەر يىللىق نامازنى ۋەتەندە ئوقۇشقا نېسىپ قىلىشنى جانابى ھەقتىن تىلىدى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىمۇ تەسىراتىنى بىلدۈرۈپ، خەلقىمىزگە ھۆرلۈك، نىجاتلىق تىلىدى. د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنھاجىممۇ خەلقىگە ئاسايىشلار تىلىدى ۋە قۇرۇلتاي نامىدىن پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا بولغان سالاملىرىنى يوللىدى.

نامازدىن كېيىن توپ-توپ بولۇشۇپ، ئالدى بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىش، قەبرە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ھېيت پەتىسى قىلىش ميۇنخېن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياخشى ئادەتلىرىدىن بىرىگە ئايلانماقتا.