27-سېنتەبىر ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە قۇربان ھېيتلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ پائالىيەت يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ميۇنخېن شەھىرىدىكى «بىر دۇنيا ئۆيى» دە باشلاندى، پائالىيەتكە ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. مۇتلەق كۆپ قىسىم ئائىلىلەر بالىلىرىنى بىرگە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، پەرزەنتلەرنىڭ شادلىق سادالىرى مەرىكە زالىنى بىر ئالدى.
ئالدى بىلەن بۇ پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى جامائەتنى ھېيت مەرىكىسى بىلەن قۇتلۇقلىدى، د ئۇ ق ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەت پروگراممىلىرىنى ئۇقتۇردى. ئاندىن سورۇن ئەھلى مەززىلىك ئۇيغۇرچە تائاملار بىلەن غىزالاندى. ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇسۇل يېتەكچىسى خالىسە خانىم تەربىيىلىگەن ئىشتىن سىرتقى سەنئەتكارلارنىڭ تۈرلۈك نومۇرلىرى زال ئىچىنى لەرزىگە سالدى. ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىپادە بىلدۈرۈپ، قۇربان ھېيتلىق بۇ پائالىيەتنىڭ تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىمۇ بۇ ھېيتلىق پائالىيەتكە بولغان تەسىراتىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنۋەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ پائالىيەتتىن كۆپ مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.