رامىزان ئېيى بويىچە بەزى دۆلەتلەردە بولغىنىدەك گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي كونسولخانسى ئالدىدا ئىپتار قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە باشقا باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەېيىبلىدى. د ئۇ ق ۋە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ئورتاقلىشىپ ئويۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىردى.
7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە تەشكىلات ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 65 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.
كىشىلەر ئىپتار قىلىشقا يېرىم سائەت قالغاندا، خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسولخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، قولىدا «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەن»، «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالى ئاخىرلاشسۇن!»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ۋە كۆكبايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا تۇرۇشتى.
كېيىن كونسولخانا ئالدىغا چىدىر قۇرۇپ، ئىپتار تامىقى يەپ روزىسىنى ئاچتى ۋە دۇئا قىلىشتى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.
بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا بىلەن ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى رەئىسى ئەنىۋەر جان ئەپەندىلەر رادىئومىزغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
0:00 / 0:00