ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىلقى رامىزانلىق تەسىراتلىرى

0:00 / 0:00

ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتى دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بۇ يىلقى رامىزاننى ئوپچە ئىپتار ۋە تىلاۋەت پائالىيەتلىرى بىلەن كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدى.

مۇبارەك رامىزان ئاخىرلىشىپ روزا ھېيتنى كۈتۈۋېلىش ھارپىسىدا، ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر سىياسىي ۋە دىنىي زاتلىرى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىشىپ، بۇ يىلقى رامىزاننىڭ ئوپچە ئىپتار ۋە دۇئا-تىلاۋەت بىلەن ھەر يىلقىدەك كۆڭۈللۈك ئۆتكەنلىكىنى ئىزھار قىلىشتى.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، ھەر ھەپتە ئاخىرى ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىپتار پائالىيەتلىرىدە، زۇلۇم ئاستىدىكى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن دۇئالار قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئەركىن-ئازادىلىك ئىچىدە روزا ئىبادەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولالىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى رامىزانلىق ئىبادەتلەرنىڭ بۇ يىلمۇ ئېغىر چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ يىلقى رامىزاندىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا روزا تۇتۇشنى چەكلەش، تاراۋى نامازلىرىنى نازارەت قىلىش، ئاشخانىلارنى تاقاشقا يول قويماسلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزىسىنى بۇزۇش، ئاھالىلەرنى دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق ئەھدىنامىلىرىگە قول قويۇشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى 2015-يىلىدىكى ئوخشاشلا ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشكەن ئىدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ توغرىسىدا توختالغاندا، ئالدى بىلەن بۇ يىلقى رامىزاننىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياخشى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە، گەرچە بۇ يىل رامىزاندا خەلقئارادا ئۆتكەن يىلقىغا ئوخشاش خىتايغا قارشى نامايىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلمىغان بولسىمۇ، خەلقئارا مەتبۇئاتنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى رامىزانلىق پائالىيەتلەرنى جىددىي دىققەتكە ئالغانلىقىنى ئىزاھلىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى رامىزانلىق چەكلىمىلىرىنى ئاقلاشقا مەجبۇر قالغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى 2-ئىيۇن كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ئەھۋالى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتابىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ «تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دىنىي ئەركىنلىك دەۋرى» نى باشتىن كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يەردىكى مىليونلىغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تولۇق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

د ئۇ ق نەشرىيات-تەشۋىقات كومىتېتى مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ ميۇنخېندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىللىق رامىزاننى ئىناق-ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەتبۇئاتلار ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار رامىزان باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا بىر مەيدان تۇتقۇن قىلىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، تور ساھىبلىرى، يازارلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنى قولغا ئېلىشنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى بايان قىلىشقان، مىسرانىم تورىنىڭ ساھىبى ئابابەكرى مۇختەر، تۇرسۇنجان مەمەت، باغداش تورىنىڭ ساھىبى ئەكبەرجان ئەسەد، بوزقىر بلوگىنىڭ ساھىبى ئۆمەرجان ھەسەن قاتارلىق 5 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقان ئىدى.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ 6-ئىيۇن خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا قەشقەر ۋە ئاقسۇ رايونلىرىدا رامىزانغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاز دېگەندە 17 ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.