گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيت نامىزىدا جەم بولدى

0:00 / 0:00

28‏-ئىيۇل بىر ئاي رامزان روزىسىنى تاماملىغان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيت نامىزىدا يەنە بىر قېتىم جەم بولدى.

ئەر-ئايال، قىز-يىگىت ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ، 150دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان مەزكۇر پائالىيەت، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە ئېلىپ بېرىلدى.

ھېيتلىق كىيىملىرى بىلەن يىراق-يېقىندىن كەلگەن ۋەتەنداشلار ئۇيغۇرچە ۋەز-نەسىھەتلەر مۇجەسسەملەشكەن خۇتبىدە، ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىشقا، سېلە-رېھىم قىلىشقا، ئەپۇ قىلىشقا ۋە دوستلىشىشقا چاقىرىلدى.

جامائەت نامازدىن كېيىن ئۆز-ئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، روزا ھېيت بايرىمىنى مۇبارەكلەشتى ۋە جەمئىيەت تەرىپىدىن سېلىنغان داستىخىنىدا غىزالىنىپ قايتىشتى.

پائالىيەت ئەھلىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر گۈزەل تىلەكلىرى ۋە خۇشال ھېس-تۇيغۇلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.