گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتنى مەشرەپ پائالىيىتى بىلەن تەبرىكلىدى

0:00 / 0:00

2013‏-يىلى 11‏-ئاۋغۇست گوللاندىيەنىڭ ھارلىم شەھىرىدىكى بىر مەرىكە زالىدا 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر جەم بولۇپ، ئايلىق مەشرەپ پائالىيىتى بىلەن ھېيت تەنتەنىسى پائالىيىتىنى بىرگە ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋاكالىتەن 20 گە يېقىن مېھمان كەلدى.

شۇ يەر ۋاقتى 12 دىن كەچ سائەت 8 گىچە داۋام قىلغان پائالىيەتتە ئالدى بىلەن قۇرئان ئوقۇلۇپ، 7‏-ئاۋغۇست ئاقسۇدا شېھىت بولغان ۋە يارىلانغان ۋەتەنداشلىرىغا دۇئالار يوللىغان سورۇن ئەھلى، ئۆزلىرى ئەپ كەلگەن يېمەكلىرى بىلەن داستىخانلىرىنى تولدۇرۇپ، پولۇ ۋە كاۋاپ بىلەن غىزالاندى. ئارىلىقتىكى مۇۋاپىق پۇرسەتلەردە بەزمە قىلىشىپ، ئۇسۇل ئويناشتى ۋە يۇمۇر، لەتىپىلەر بىلەن كۆڭۈل ئېچىشتى.

مەشرەپ پائالىيىتىنى بەختىيار ناسىر ئەپەندى تەشكىللىگەن ۋە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىكىلەر يېقىندىن ماسلاشقان. ئامستېردام، ھالىم ۋە كاسترىكوم شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلغان مەزكۇر پائالىيەت قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ، كېڭەيمەكتە ئىكەن.

پائالىيەت تەشكىللىگۈچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەشرەپ ۋەتەندىكى مەشرەپنىڭ بىر نۇسخىسى سۈپىتىدە يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق ۋە ئەخلاق ئۆگىنىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان ئىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بېلگىيە ۋە گوللاندىيەدىكى ئىشتىراكچىلار پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدە ئۇچۇرلار بەرگەندىن سىرت، ئۆز كۆز قاراشلىرىنىمۇ ئاڭلاتتى.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇلمۇتەللىپ ئەپەندى، ئىككى دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ ۋە بېرىش-كېلىشلىرىنىڭ كۈچىيىشى، پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئېگە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.