2016 - يىلى 12 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ قۇربان ھېيت خۇشاللىقىغا چۆمدى. ئانا ۋەتىنىدە ۋە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دۇئا ۋە تىلەكلىرى ھېيتلىق سالاملىرى قوشۇلۇپ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھېيتلىق تەنتەنىلىرىگە ئۆز خاسلىقى بىلەن جور بولدى. بۇ كۈن سەھەردىن باشلاپ تاراتقۇلار ۋە ئۇچۇر - ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە قۇربان ھېيتلىق سالام - سائەت ۋە تەبرىكلەش سۆزلىرى خەتلىك، رەسىملىك، ئاۋازلىق شەكىللەردە قاناتلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ھېيتنىڭ ئەۋزەللىكىنىمۇ نامايان قىلدى.
ھەقىقەتەن بۈگۈنكى ھېيت خۇشاللىقى يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان، قەدىرلەشكە ۋە ماختاشقا ئەرزىيدىغان بىر بايرامدۇركى - بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ رەھمىتىدە قەلبلەرنىڭ ئارىلىرى يېقىنلىشىدۇ؛ ئازايى - كۈلپەتلەر توختىتىلىدۇ؛ كىشىلەر ئۆز - ئارا ئەپۇ قىلىشىدۇ؛ پەتىلىشىپ، يوقلىشىدۇ؛ ھەممىدىن مۇھىمى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىردەكلىكى ھەج پائالىيىتىدە نامايەن بولىدۇ. ئەنە شۇ ئىتتىپاقلىقنىڭ ئالامەتلىرىدىن يەنە بىرى ھېيت نامىزى بولۇپ، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ پەزىلەتلەرنى ھەر يىلى قولدىن بەرمەي، ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.
2016 - يىلى 12 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دە گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى زالىدا جەم بولغان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇدى ۋە ھېيتلىق ھەمداستىخان بولۇشتى.
جامائەت مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ نازىرى ئابدۇراخمان قارىھاجىنىڭ تەقدىم قىلىشىدا سۆزلەنگەن ھېيتلىق ۋەز - نەسىھەتلىرىدە ھېيت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پۇرسەت بىلىشكە تېگىشلىك ئەمەللەر ۋە ئېھتىيات قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا تەلىم ئالدى.
نامازدىن كېيىن ئۆز - ئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، بىر - بىرلىرىنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەشكەن جامائەت خۇشال كەيپىياتتا ھال - مۇڭ بولۇشتى ۋە ھېيتلىق داستىخاندا غىزالاندى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلار ئۆزلىرىنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى. قازاقىستاندىن تىجارەت ئىشلىرى بىلەن گوللاندىيەگە كەلگەن نۇرىدىن ئەپەندى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت نامىزىغا ئەھمىيەت بېرىشلىرىدىن ۋە جامائەتلىشىشتەك ئىتتىپاقلىق روھىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى يىللاردىن بىرى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىككى ھېيت نامىزىنى تەشكىللەش ۋە ئىجرا قىلىشتا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.
گوللاندىيە ئۇيغۇرلار ھېيت نامىزىدىن باشقا ئۆز - ئارا پەتىلىشىشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئەۋلادلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ئېڭىنىڭ تىكلىنىشىگىمۇ تۈرتكە بولماقتا. يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ خىل بايراملاردا ئايرىم يىغىلىش پائالىيەتلىرى تەشكىللەپ، مۇھاجىرەتتىكى ئەركىن ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرمەكتە.
0:00 / 0:00