گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇدى

0:00 / 0:00

2015‏-يىلى 24‏-سېنتەبىر پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان قۇربان ھېيت بايرىمى بولدى. گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە جەم بولۇپ، قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇدى، بايراملىرىنى تەبرىكلىشىپ بىرلىكتە غىزالاندى، ئۆز-ئارا كۈلكە-چاقچاق، شېئىر ۋە يۇمۇرلىرى بىلەن بايراملىق كەيپىياتىغا چۆمدى.

پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 يېرىمدە باشلاندى. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇراخمان قاراجىم مەزكۇر قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ خۇتبىسىدە ئۇيغۇرلارنى ئېتىقاد-ئىبادەتكە ئەھمىيەت بېرىشكە، چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى.

گوللاندىيەنىڭ يىراق-يېقىنلاردىن كېلىپ مەزكۇر پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغانلار ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاتتى.