4-ئۆكتەبىر، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار ھەر يىلقىدەك بۇ يىلمۇ قۇربان ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇپ، ھېيتلىرىنى مۇبارەكلەشتى.
ئايەم ئەھلى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شۇ يەر ۋاقتى سەھەر سائەت 8 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ھېيت نامىزى ئوقۇدى. خۇتبە ئاڭلىدى. خۇتبىدە سۆزلەنگەن ۋەز-نەسىھەتلەر قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى، ھېيتلىق پەتىلەش، ئۆز-ئارا تەبرىكلىشىش، ئۆز-ئارا ئەپۇ قىلىش، دوستلۇق ۋە خىش-ئەقرىبالىقنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. جامائەت ئاخىرىدا قىلىنغان دۇئادا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئاسايىشلىق ۋە خاتىرجەملىك تىلىدى.
جامائەت نامازدىن كېيىن ئۆز-ئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، بىر-بىرىنىڭ ھېيتلىرىنى مۇبارەكلەشتى ۋە گۈزەل تىلەكلەردە بولۇشتى. ناشتىدىن كېيىن ھەركىم ئەھۋالىغا قاراپ ئەركىن سۆھبەتلەشتى ۋە ياكى قىسقىچە ئەھۋاللىشىپ قايتىشتى. شارائىتى بارلار سوئال-جاۋابلىق تېپىشماق سورۇن تۈزۈپ، ھەم بىلىم ئالدى ھەم كۆڭۈل ئاچتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلار ئۆزلىرىنىڭ شۇ مىنۇتلاردىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇساپىرلىق تارىخىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى ھېيت خۇشاللىقىنى- بىرلىكتە ئوقۇغان ھېيت نامازدىن باشقا، ئۆز-ئارا پەتىلىشىش ئارقىلىق تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، مىللىي ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇشقا بارغانسېرى ئەھمىيەت بەرمەكتە.
جۈملىدىن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئائىلىۋى ۋە ئاممىۋى شەكىلدە ئۆز-ئار پەتىلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، قېرىنداشلىقنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.