گوللاندىيەدە قۇربان ھېيت ئۆزگىچە تەبرىكلەندى

0:00 / 0:00

بۇ يىللىق قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 15-ئۆكتەبىر سەھەر سائەت 9 دا جەم بولۇپ، ھېيت نامىزى ئوقۇدى.

ھەر يىلى بىر قېتىم خاتىرىلىنىپ كېلىۋاتقان مەزكۇر قۇربان ھېيت بايرىمى بۇ يىل 15-ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنىگە توغرا كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەككە شەھىرىدە ھەج ئۈچۈن توپلانغان مۇسۇلمانلاردىن باشلانغان تەكبىر ۋە تەربىيىلەر دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ زېكرىدە سادالاندى.

بۈگۈندىن ئېتىبارەن تاكى بايرامنىڭ 4-كۈنى ئەسىر نامىزىغىچە مۇسۇلمانلار ھەر پەرز نامازدىن كېيىن تەكبىر ئوقۇيدۇ. ھېيت پەتىسى قىلىدۇ. پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئىنئام قىلىنغان بۇ بايرامنىڭ خۇشاللىقىنى پۈتۈن كائىناتقا نامايان قىلىدۇ. ئەنە شۇ مۇسۇلمانلار توپى ئىچىدە بەلگىلىك ئورۇن تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ھەم بايرام شاشلىقىدا يايرايدۇ.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 15-ئۆكتەبىر سەھەر سائەت 9 دا جەم بولۇپ، بايرام نامىزى ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن ناشتا قىلىشىپ، ئانا تىل كۇرسىنىڭ يېتىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىسى ئابدۇۋەلىنىڭ تەقدىم قىلىشىدا قۇربان ھېيت بايرىمىنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇلاھىزە قىلىشتى.

كېيىن، تۈرلۈك تېپىشماقلار، كۈلكە-چاقچاقلار، ئىلاھىي ۋە ئىنقىلابىي ناخشىلار بىلەن خۇشال بىر كەيپىياتتا بايرام قىلدى. ئۆز-ئارا سۆھبەتتە ۋە بەس-مۇنازىرىلەردە بولۇشتى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەيسا قارىھاجىم پائالىيەتنىڭ ئومۇمى كەيپىياتى ھەققىدە توختالدى.