«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» گوللاندىيەدىكى قېرىنداش مىللەتلەرگە ئىپتار بەردى

0:00 / 0:00

پائالىيەت 2016‏-يىلى18- ئىيۇن كۈنى گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان مەزكۇر جەمئىيەت يېغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن گوللاندىيەدىكى «مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى»، زەيست شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىكلەرگە ئالاقىدار مەسئۇللىرىدىن كاست سخۈرېن ئەپەندى، شۇ ئەتراپتىكى تۈرك ۋە ئەرەب مەسچىتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن باشقا ئۇيغۇرلارمۇ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن قاتناشتى.

پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى سائەت 9 دا قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. جەمئىيەت مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى مېھمانلارنى قارشى ئېلىش سۆزى قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇۋاتقان دىنىي بېسىملارنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە موھتاجلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گوللاندىيەدىكى مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتىنىڭ غەربىي رايون مەسئۇلى ئوكتاي دولماز ئەپەندى، سۆز قىلىپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە؛ مۇسۇلمانلارغا بولۇۋاتقان بۇ زۇلۇمنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىمۇ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلىقتا ئاداققى قەدەر مەھكەم تۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈردى.

زەيست شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىكلەرگە ئالاقىدار بۆلۈم ۋەكىلى كاست سخۈرېن ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ: گوللاندىيەدە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى جارى قىلدۇرۇش ھەققى بارلىقىنى؛ گوللاندىيەنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن، ھەممەيلەننىڭ ئىناق-ئىتتىپاق ياشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن ئابدۇراخمان قاراجىم بارلىق ۋەتەنداشلىرىنى جەمئىيەت تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان تۈرلۈك ئىمكانلاردىن ئورتاق پايدىلىنىشقا چاقىردى ۋە نېمەتنىڭ قەدرىگە يېتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىلاھىي ئوقۇش ۋە دۇئا قىلىش بىلەن ئېغىز ئاچقان ئىپتارچىلاردىن بەزىلىرى غىزادىن كېيىن شام نامىزى ئوقۇپ قايتىشتى ۋە بەزىلىرى تاڭ سەھەرگە قەدەر داۋام قىلغان-كېچىلىك پائالىيەتلەردىن خۇپتەن، تاراۋىھ ۋە تەئەججۈد نامىزى ئوقۇش، ئەركىن سۆھبەتلىشىش، سوئال-جاۋابلىق ئۆگىنىش، رېئال مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرەلىشىش ۋە مۇنازىرلىشىشتەك ئەھمىيەتلىك ئىشلارغىمۇ تولۇق قاتنىشىپ، سوھۇرلۇق غىزادىن كېيىن بامدات نامىزى ئوقۇپ قايتىشتى.

پائالىيەت ئاخىرىدا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ئەپەندى پائالىيەت توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.