گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار رامىزاننىڭ 27-كۈنى ۋە 28-كۈنلىرى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە جەم بولۇپ، تۈنەك پائالىيىتى قىلدى.
پائالىيەتنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇردى. پائالىيەت گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان مەزكۇر جەمئىيەتتە ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەتكە ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك بولۇپ كۆپ ساندا ئادەم قاتناشتى.
پائالىيەتتە ۋەز-تەبلىغ، ناماز-قىرائەت، دۇئا-سالام، دوستلۇق-قىرىنداشلىق، ھال-ئەھۋاللىشىش ۋە ئىفتار-سوھۇرلۇقتا ھەمداستىخان بولۇشتەك مول مەزمۇنلۇق پروگراممىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىشتىراكچىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەردە بىرگە ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن چاغلىرىدىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى 2013-يىلدىن بېرى مەزكۇر ئورۇندا مۇقىملىشىپ مائارىپ، تەلىم-تەربىيە، دىنىي، مىللىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.