گوللاندىيەدىكى تۈرك كونسۇلخانىسى ۋە دىيانەت ۋەخپى ئورۇنلاشتۇرغان ئىپتار زىياپىتىدە ئۇيغۇر ۋەكىللەر

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى غەرب ئەللىرىدىن سىرت، بولۇپمۇ تۈركىيە ۋە ياۋروپادىكى تۈرك جامائىتى ئارىسىدا تېخىمۇ كەڭ تونۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى قوللايدىغان، تېگىشلىك ياردەملەردە بولىدىغان تۈركلەرنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئېشىپ بارماقتا.

ياۋروپادىكى ئەللەردە ياشاۋاتقان تۈرك جامائىتى ۋە تەشكىلاتلىرى يىللاردىن بۇيان ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىمكان يار بەرگەن دائىرىدە غەمخورلۇق قىلىشنى قېرىنداشلىق مەجبۇرىيىتى ساناپ كەلدى. ياۋروپاغا يېڭىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ، ھايات يولى تېپىشنىڭ تۇنجى قەدىمىدە تۈركلەر بىلەن ئالاقىدە بولۇپ ۋە ئۇلارنىڭ قولىدا ئىشلەپ كەلگەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. بىراق، تۈرك ھۆكۈمەت خادىملىرى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئاشكارا ھېسداشلىق قىلىشتىن ھامان ئۆزىنى تارتاتتى. 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ خىل كەيپىيات ئۆزگىرىپ، تۈرك كونسۇللىرى ھەتتا باش ئەلچىلىرى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى بىلەن قېرىنداشلارچە ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدىغان ۋەزىيەت يارالدى. كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئىلىدا تۆكۈلگەن قانلار، داۋام قىلىۋاتقان مىللىي زۇلۇملارنىڭ تۈركلەرنىڭ قېرىنداشلىق ھېسسىياتلىرىنى ھامان بىر كۈنى غىدىقلايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىشكەن ئىدى.

3 - ئاۋغۇست كۈنى، گوللاندىيەنىڭ روتتىردام شەھىرىدىكى تۈرك كونسۇلخانىسى ھەرساھە تۈركىي قېرىنداشلىرىغا ئىپتارلىق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ سورۇنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئۈچ نەپەر خادىمىنىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان. بۇ مۇراسىمغا داخىل بولغان گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىپتار مەزگىلىدە تۈرك كونسۇلى ئورال ئەپەندى ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىغان، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۇچۇر ئىستىگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان ھۆرمەت، ھېسداشلىقلىرىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر تەشكىلاتى خادىملىرىمۇ باش كونسۇلغا ئۇيغۇر دوپپىسى تەقدىم قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك مىللىتىگە بولغان قېرىنداشلىق ھېسلىرىنى ئىپادىلىگەن.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن غەيرەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر بىرلىكى يىللاردىن بۇيان گوللاندىيە پارلامېنتى، گوللاندىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ھەرقايسى ئەللەرنىڭ كونسۇللىرى بىلەن يېقىن ئالاقە ئورنىتىشقا تېرىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە گوللاندىيە پارلامېنتى ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتايدا زىيارەتتە بولغاندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويغان ۋە گوللاندىيەدىكى ئىككى نەپەر خىتاي جاسۇسى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

غەيرەت ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گوللاندىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىدە تەرجىمانلىق قىلىۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىق جىنايىتىنىڭ پاش بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشى، يىللاردىن بۇيان سىياسىي پاناھلىق مەسىلىسى ھەل بولماي كەلگەن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگىرىش ياسىغان. قىسقىغىنا بىر نەچچە ئايدا 200 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرنىڭ ئولتۇرۇم مەسىلىسى ھەل بولغان. ئۇ سۆزىدە، گوللاندىيەدىكى مۇھاجىرلار ئىدارىسى ۋە گوللاندىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، ئۇلار ئېلان قىلغان دوكلات ھەمدە ماقالىلەرنىڭ تېگىشلىك ئىنكاس قوزغىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. غەيرەت ئەپەندى يەنە، گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىشقا تېرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈزىتىش:
بۇ خەۋەردىكى ئىپتار زىياپىتى تۈركىيە كونسۇلخانىسى ۋە دىيانەت ۋەخپىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەم بۇ ئىپتار زىياپىتى تۈركىيە كونسۇلخانىسىدا ئەمەس، بەلكى مەۋلانە جامەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن.