گوللاندىيەدىكى مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتىنىڭ غەربىي رايون مەسئۇلى ئوكتاي دولماز ئەپەندى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن قاتناشقان ئىپتار پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا مۇھىم سۆز قىلدى.
ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي زۇلۇمىدا قالغان ۋە بۇ زۇلۇم بۈگۈنگە قەدەر داۋام قىلىۋاتقان بىر يەر ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى زۇلۇم ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار قېرىنداشلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلار بىلەن بىللە بولۇش، ئۇلارنىڭ دەردلىرىگە دەرمان بولۇش، نىدالىرىغا قۇلاق سېلىش ۋە ئۇنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ بۈگۈنكى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۈستىدىكى قەرزگە، ئىنسانىيلىقنىڭ مەسئۇلىيىتىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ يەنە، ئىنسان ھەقلىرى باياننامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەقلىرى بولغان «ياشاش ھەققى، ئېتىقاد ھەققى، ئىبادەت ھەققى ۋە ساياھەت ھەققى قاتارلىقلار ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن تۇغما ھەقلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ھەرقانداق دۆلەت، شەخس، شىركەت، كۈچتۈڭگۈرلەرنىڭ ئۆز-ئارا كېلىشىم قىلىپ تارتىۋالالايدىغان ھەقلەردىن ئەمەسلىكى» نى ئەسكەرتىپ ئۆتتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە، بۈگۈنكى خارلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى بىرلىشىش ۋە ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرىپ: «بىز ئىتتىپاقلىشىپ بىر كۈچ بولغان چاغدا، خىتايغىمۇ، توختا! دېيەلەيمىز. كۈچلۈكلەرنىڭ قارشىسىغا كۈچلۈك بولۇپ چىقساڭلار، دۈشمەننىڭ قورالى بىلەن قوراللانساڭلار ئاندىن غەلىبە قىلىسىلەر. بۈگۈن دۇنيا مىقياسىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، يەر ئاستى-ئۈستى بايلىقلارنىڭ ئەڭ كۆپ يېرىدە مۇسۇلمانلار ياشىماقتا. ئەمما، بۇنىڭ قەدرىنى بىلمەستىن، بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قان تۆكمەكتە. بۇنداق ھالەتتە بىرلىك ۋە قېرىنداشلىق بولماس. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىز رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلەتلىك چاغلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۈممەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھۆرلۈكى ۋە سائادىتىنى تىلەپ دۇئا قىلايلى!» دەپ ئەسكەرتتى ۋە ئىپتار ساھىبى ئۇيغۇرلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئوبۇلقاسىم ئابدۇئېزىز ئەپەندى، ئوكتاي دولماز ئەپەندى بىلەن بولغان دوستلۇق باردى-كەلدى مۇناسىۋىتى توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
ئوبۇلقاسىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوكتاي دولماز ئەپەندى گوللاندىيەدىكى مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتىنىڭ غەربىي رايون مەسئۇلى بولۇپ، مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتىنىڭ ئىدارە ئىشلىرى مەسئۇللىرىغا تەشكىلاتچىلىق توغرىلىق لېكسىيە بېرىپ كېلىۋاتقان تەجرىبە ساھىبى ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئوكتاي دالماز ئەپەندى ئۇيغۇرلارغىمۇ تەشكىلاتچىلىق توغرىلىق مەخسۇس لېكسىيە بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان ۋە سېنتەبىر ئايلىرىغا پۈتۈشكەن.
مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى 1969-يىلى نەجمىددىن ئەرباقاننىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغان ئەركىنلىك ھەرىكىتى بولۇپ 1974-يىلىدىن 1978- ۋە 1997-يىلىغىچە چوڭ-كىچىك بولۇپ بەش قېتىم ھاكىمىيەتتە ئورۇن ئالغان. ئەمما، ھاكىمىيەتنى تېزلا قولدىن بېرىپ قويغان. مەزكۇر تەشكىلات تارىخىدا مىللىي نىزام پارتىيىسى، مىللىي سالامەت پارتىيىسى، رېفاھ پارتىيىسى ۋە پەزىلەت پارتىيىسى قاتارلىق ناملارنى قوللانغان. ھازىرقى سىياسىي پارتىيە نامى سائادەت پارتىيىسى بولۇپ، قوللىغۇچىلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن تۈركىيەدىكى غوللۇق پارتىيەلەر قاتارىدا سانالماقتا.