گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار قەدىر كېچىسىنى قۇتلۇقلىدى ۋە قېرىنداشلىرىغا ئاسايىشلىق تىلىدى

0:00 / 0:00


24 - ئىيۇل پەيشەنبە يەنى رامزاننىڭ 27 سى، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قەدىر كېچىسىنى قۇتلۇقلىدى ۋە ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىغا ئاسايىشلىق تىلىدى.

پائالىيەتنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇردى.

پائالىيەت ئەھلى خالىس دۇئالىرىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئېزىلىۋاتقان خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغىمۇ دۇئا قىلدى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئومۇمى ئىشلار مەسئۇلى ئىسا قارىھاجىم قەدىر كېچىسى پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ھەققىدە توختالدى.