گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار رامىزانلىق پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇردى

0:00 / 0:00

يىللاردىن بىرى، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رامزان ئايلىرىدىكى پائالىيەتلىرى، ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ جىددىيچىلىك ۋە خىجىلچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن ئىدى. بۇ يىل «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇقىم يەر ھازىرلىغاندىن بېرى، ئۇلار بۇ غەمدىن قۇتۇلدى.

مانا ئەمدى رامزان ئېيى يېتىپ كېلىشى بىلەن، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بولغان پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ شارائىتى ھازىرلاندى.

ھەپتە ئاخىرىدا ئىككى كۈندىن داۋام قىلىۋاتقان «ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت كۇرسى»نىڭ يېرىم يىللىق پائالىيەت يېغىنىدا، جەمئىيەت مەسئۇللىرى رامزان ئېيىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پائالىيەتلەرنىڭ زىچلىقىدىن، مەزكۇر كۇرسنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەتىلگە قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. شۇ سەۋەب بىلەن، رامزان ئېيىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ تەپسىلاتى، ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، جەمئىيەت مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.