گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار دىنداش ۋە قېرىنداش مىللەتلەرگە ئىپتار زىياپىتى بەردى

0:00 / 0:00

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار تەشكىللىگەن بىر قېتىملىق ئىپتار زىياپىتىدە جامائەت توپى ھاسىل قىلىش، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن جامائەت بولۇپ ياشاشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

زىياپەت سورۇنىغا باشقا ئەللەردىن كەلگەن مۇسۇلمانلارمۇ تەكلىپ قىلىندى. زىياپەت ئەھلى بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىشتى.

2013‏-يىلى 19‏-ئىيۇل «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار نامىدىن، گوللاندىيەدە پائالىيەت قېلىپ كېلىۋاتقان تۈرك ۋە ئەرەب سىستېمىسىغا تەۋە مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت ۋەكىللىرىگە خالىس ئىپتار زىياپىتى بەردى.

ئىپتار زىياپىتىگە تۈركىيە، تۈركىستان، ئىراق ۋە ئافغانىستان قاتارلىق ئەللەردىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر، تۈرك، نوغاي، تاتار، تۈركمەن ۋە ئافغان قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت ۋەكىللىرى ۋە شەخسىي ئاكتىپلىرىدىن باشقا، قارا تەنلىك مۇسۇلمانلارمۇ قاتناشتى.

زىياپەت «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. 70 تىن ئارتۇق ئىپتارچى ئېغىز ئېچىپ بولۇپلا، بىرلىكتە ناماز ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن تۈرلۈك نازۇنېمەتلەر تىزىلغان داستىخانلاردا غىزالاندى. ئىپتار جىددىيچىلىكى بىر ئاز پەسەيگەندىن كېيىن، جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىپ، كۆڭۈل ئىزھار قىلدى.

يەنە بەزىلىرى بولسا ئۆز تەجرىبىلىرىدە يەكۈنلىگەنلىرىگە ئاساسەن، بىر جامائەت ياكى توپلۇقنىڭ دىققەت قىلىشقا ۋە پۇرسەت بىلىشكە تېگىشلىك تەرەپلىرى ھەققىدە سەمىمىي تەۋسىيىلەردىمۇ بولدى.

ساھىبخانا تەرەپمۇ سۆز قىلىپ، بۇندىن كېيىنكى دوستلۇق-ئالاقە ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ۋە كېڭىيىشى ئۈچۈن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا بۇ قېتىملىق ئىپتار زىياپىتىگە ساھىبخانىلىق قىلغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى پائالىيەتتىكى مەقسەت-غايىلىرى ھەققىدە توختالدى.