گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق رامىزانلىق پائالىيەتلەرنى مول-مەزمۇنلۇق ۋە نەتىجىلىك ئۆتكۈزگەن. بۇنداق بولۇشىدا ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەمىنلىگەن مۇقىم پائالىيەت سۆرىنى ئالاھىدە رول ئوينىغان.
مەزكۇر جەمئىيەت بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ مەخسۇس بىر پائالىيەت مەركىزىنى ئىجارىگە ئېلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇشقا باشلىغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىللىق ھېيت نامىزىنى مۇشۇ ئورۇنغا توپلىشىپ ئۇيغۇر ئىمامنىڭ باشچىلىقىدا ئوقۇشنى پىلان قىلىۋېتىپتۇ. مەزكۇر سورۇندا ئىلگىرى ئۇيغۇر ئانا تىل دەرسلىرىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى.
گوللاندىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار 2013-يىلى رامزاننىڭ 25-26 ۋە 27-كۈنلىرى گوللاندىيەنىڭ زەسيت شەھىرىگە جايلاشقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت مەركىزىگە يىغىلىپ، ئۇدا ئۈچ كۈن يەنە ئىبادەت بىلەن تاڭ ئاتقۇزدى. شۇنىڭ بىلەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللىگەن رامىزانلىق ئىپتار پائالىيىتى سەپەرۋەرلىكى، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك تامام بولدى.
نەتىجىدە، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئىپتارلىق پائالىيىتىگە سەپەرۋەر قىلىنغان ئۇيغۇرلار، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، جەمئىيەت مەركىزىدە 10 قېتىم ئىپتار زىياپىتىگە تەشرىپ قىلغان بولدى.
ئۇلار، ئىلگىرى رامزانلاردا مۇقىمسىز يەرلەردە قىينىلىپ يۈرۈپ ئاران بىر-ئىككى قېتىم بىرلىكتە ئىپتارلانغان بولسا، بۇ يىل ئۆز ئالدىغا ھازىرلىغان يەردە خاتىرجەمگىنە ئىبادەت قىلدى ۋە ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە -شەنبە كۈنلىرى ئىپتارلىنىش پائالىيىتى تەشكىللەپ تازا پۇخادىن چىقتى.
بۇ قېتىم ئىپتار ۋاقتىدىن باشلانغان پائالىيەت ئەتىسى سەھەرگىچە دۇئا-تەكبىرلەر، ناماز-زىكىرلەر ۋە تەلىم-تەربىيىلەر بىلەن مەزمۇنلاندى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر جەمئىيەت مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى، گەرچە ئىنتايىن جاپالىق ۋە ئېغىر بىر جەريان بولۇشىغا قارىماي رامىزانلىق ئومۇمى پائالىيەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە پائالىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رامزاننىڭ 27-كېچىسى جەم بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق تەلىپىگە ئاساسەن، روزا ھېيت نامىزى جەمئىيەت مەركىزىدە ئوقۇلۇشقا قارار قىلىنغان بولۇپ، بۇ گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى ھېيت نامىزى ئىكەن.
نامازدىن كېيىن ۋەتەنداشلارنىڭ تەلىپىگە قاراپ، يەنە بايراملىق پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.