24-ئاپرېل گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر خانىم-قىزلار بىر يەرگە جەم بولۇپ خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشلىرى ئاستىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا چىدام-غەيرەت ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق تىلىگەن.
گوللاندىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بۇ يىغىلىش يىغىن ئەھلىنىڭ ھەممىسىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالغان.
پىدائىي: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم. كىم بىلەن كۆرۈشۈۋاتىمەن؟
نىگارە: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۈگۈن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە ئاياللارنىڭ مەخسۇس سۆھبىتى بولۇۋاتىدۇ. شۇ يەردىكى خانىملارغا ۋاكالىتەن نىگارە بىلەن كۆرۈشۈۋاتىسىز.
پىدائىي: پائالىيىتىڭلار ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا مەلۇمات بېرەلەمسىلەر، نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر، پائالىيەت قانداق ئۆتتى، دەپ بېرەلەمسىز؟
نىگارە: بولىدۇ. بۈگۈن بۇ يەردىكى 50 دىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم-قىزلار جەم بولۇپ، ئۇزۇندىن بېرى يۈز كۆرۈشەلمەيۋاتقان ھەمشىرىلەر دىدارلىشىش ۋە قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، دىنىي سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
پىدائىي: بىلىشىمىزچە بۇرۇن تور ئارقىلىق ئۆتۈلۈۋاتقان دەرسنىڭ يۈز تۇرانە ئېلىپ بېرىلىشىمۇ، قانداق؟
نىگارە: بۈگۈنكى بۇ پائالىيىتىمىز باشقىچىرەك بولدى. ھەقىقەتەن ئۇزۇندىن بېرى سكايپې ۋە باشقا ئۇچۇر-ئالاقە سىستېمىلىرى بىلەن قۇرئان ئۆگىنىش، ئىسلامنى چۈشىنىش ۋە ھاياتىمىزغا تەتبىقلاش مەزمۇن قىلىنغان دەرسلىكلىرىمىز بولۇپ كېلىۋاتقان، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر ئايدا بىر قېتىم مۇشۇ يەردە داۋام قىلىۋاتقان «ئايلىق سۆھبەت» پائالىيىتىگىمۇ قاتنىشىۋاتقان ئىدۇق. ئەمما، پەقەت ئاياللارغا مەخسۇس قىلىنغان دىنىي مەقسەتلەردە تۇنجى قېتىم جەم بولۇۋاتىمىز.
پىدائىي: قانداق كەيپىياتتا بولدى؟
نىگارە: ئۇستاز قېرىنداشلىرىمىز دىنىي سۆھبەتلەرنى، ۋەز-نەسىھەتلەرنى قىلدى. ئىختىيار قىلغانلار يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلدى. مەخسۇس دەرسلىكمۇ بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ قېتىم يېڭى سەپكە قېتىلغان ھەمشىرىلىرىمىز مۇھاجىرەتتىكى غېرىبچىلىقتا مۇشۇنداق بىر كەيپىياتنى كۆرگەنلىكىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇندىن كېيىنمۇ يەنە داۋام قىلىشقا بەل باغلىدۇق.
پىدائىي: ئۇنداقتا، بۇ خىل پائالىيەتتە جەم بولۇش ئارقىلىق قېرىنداشلىقنى چىڭىتىشتىن باشقا، مۇھاجىرەتتىكى ئازابلارنىڭ يەڭگىللىشى ئۈچۈنمۇ پايدىسى بولۇۋېتىپتۇ- دە؟
نىگارە: ھەقىقەتەن شۇنداق بولدى. بۇ يەردە ھەممەيلەننىڭ ئۆيلىرى ھەر تەرەپلەردە بولغاچ بىر يەرگە جەم بولمىقىمىزمۇ بەك تەس. قېرىنداشلىرىمىز بۇنداق بىر پۇرسەتنىڭ قىممىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. بولۇپمۇ ۋەتەننى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرىنى سېغىنىش ھېسسىياتى بۇ خىل پائالىيەت ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ قانائەت تاپقاچقا، بەزى ھەمشىرىلىرىمىز ھاياجاندا ئۆزلىرىنى تۇتالماي يىغلاپمۇ كەتتى. ھەممىمىز دۇئا قىلىپ، ئانا ۋەتىنىمىزگە تېزرەك قايتىشنىڭ نېسىپ بولۇشىنى تىلىدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقى، خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە سائادىتى ئۈچۈن كۆپ دۇئالارنى قىلدۇق. قوللىرىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ۋەتەن ئىچىدىكى ھەمشىرىمىزنىڭ ھىجابلىرى، ئىپپەت-نومۇسلىرىنى تېخىمۇ بەكرەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشىنى تىلىدۇق. گەرچە ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا تۈزۈكرەك ياردەم قىلالمىساقمۇ، بىزنىڭ ئېسىل دۇئالىرىمىز بار. سالاملىرىمىز بار.
پىدائىي: ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
پىدائىي: كىم بولىسىز؟ قانداق تەسىراتتا بولدىڭىز؟
گۈلپىيە: ئىسمىم گۈلپىيە، بۈگۈنكى مۇشۇ پائالىيەتنىڭ رىياسەتچىلىكىنى قىلدىم. بىز دەسلەپ بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغاندا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى بىزنى قوللاپ بەردى. بىزمۇ بارلىق تەييارلىقلىرىمىزنى پۇختا قىلىپ بولۇپ، ھەمشىرىلىرىمىز كېلەلەرمۇ؟ دەپ، بىر ئاز ئەنسىرىگەن ئىدۇق. ئەمما، بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ كۆپ ياخشى بولدى. ۋەز-نەسىھەتلەر ۋە دەرسلىكلەر بولۇپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، ئىشتىراكچىلىرىدىن يۈرەك سۆزلىرىنى ئالغان ئىدۇق. ئاجايىپ بىر ھاياجان بىلەن شۇنداق تەسىرلىك نىدالار چىقتى. ئەلھەمدۇلىللاھ!
نامسىز: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتىم شۇنداق قىزغىن سەمىمىي، تەسىرلىك بىر كەيپىياتتا. خۇددى ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىم بىلەن ئولتۇرغان بىر تۇيغۇغا كەلدىم.