ئۇيغۇر ئېلىدە توپلىشىپ ئىپتار قىلىش ۋە كېچىچە تۈنەپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش يوسۇنلىرى ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» دەپ چەكلىنىۋاتقان پەيتلەردە گوللاندىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوپچى ئىپتار قىلدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چەكلىمە سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى.
جامائەت مەزكۇر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەنە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى.
4-ئىيۇل جۈمە كۈنى كەچ گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم جامائەت، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرگە كېلىپ، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە ئىپتار قىلدى.
شۇ كۈنى كەچ سائەت 8 دىن باشلاپ ئەتىسى سەھەرگىچە تائەت-ئىبادەت ۋە زىكىر-تەدبىرلەر بىلەن بىرگە بولغان ئۇيغۇرلار ئىپتار ئالدىدا رامىزانغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن مەلۇماتلار ئالدى، ئاندىن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ھەم دۇئا قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سادىقجان سەلەي ئەپەندى: رامىزانلىق بۇ پائالىيەتتىن ھەم ئۆزلىرى بەھرىمەن بولغانلىقىنى ھەمدە بالىلىرىنىڭ جامائەت تەربىيىسى بىلەن يېتىشىپ چىقىشىغا پايدىلىق ئىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر جەمئىيەتتىن ئومۇمىي ئىشلار مەسئۇلى ئىسا قارىھاجىمدىن ئىگىلىشىمىزچە، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رامزان ئېيىدىكى پائالىيەتلەردىن ۋەتەنداشلارنى تەڭ بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى ئىپتار ۋە سوھۇرلۇق پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان.
ئىسا قارىھاجىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ۋەتەنداشلارغا خىتاب قىلىپ، بۇ يەردە بولۇنۇۋاتقان پائالىيەتلەردىن بارلىق ۋەتەنداشلارنىڭ تەڭ بەھرىمەن بۇلىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.