گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈرك قېرىنداشلىرىغا ئىپتارلىق بەردى

0:00 / 0:00


گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار 2015 - يىلى 4 - ئىيۇل ئىپتاردىن 5 - ئىيۇل سوھۇرغىچە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتتە، گوللاندىيەدىكى تۈرك، نوغاي ۋە بوسنالىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ئىپتارلىق زىياپىتى بەردى.

پائالىيەتكە گوللاندىيەدىكى «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتىنىڭ شەرق ۋە غەرب مەسئۇللىرى، نوغاي تۈركلىرى ۋە بوسنالىق مۇخلىسلار قاتناشتى. ئىپتاردىن ئىلگىرى ئۆز - ئارا تونۇشۇش، قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش ۋە رامىزانلىق پەزىلەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ ھېكمەتلىرىدىن تەۋسىيىلەر ئاڭلىتىلدى.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى سۇخۇرلۇق ئۈچۈن غىزالانماقتا
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى سۇخۇرلۇق ئۈچۈن غىزالانماقتا (A P)


پائالىيەتتە، «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ گوللاندىيەدە تەلىم - تەربىيە ئىشلىرى ئۈچۈن مۇقىم بىر يەر تۇتۇپ، ئەۋلادلىرىنى ئۆز مىللىي كۈلتىرىدە تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ماختىدى ۋە مەزكۇر ئورۇننىڭ سېتىۋېلىنىش ئىشلىرىدا قولىدىن كېلىدىغانلىكى ياردەملىرىنى ئايىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتى، ئىلاھىي ناخشىلار، خالىس دۇئالار، ناماز ۋە ۋەز - نەسىھەتلەر بىلەن پۈتۈن كېچىنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ھېس - تۇيغۇلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.