ئۆز ۋەتىنىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزانلىق چەكلىمىلىرىدىن راھەتسىزلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار توپ - توپ جامائەت بولۇشۇپ ئىبادەتلىرىنى ئەركىن ھالەتتە داۋام قىلماقتا. جۈملىدىن گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى رامىزان ئايلىرىدىكى پۇرسەتلىرىنى قەدىرلەپ، ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ يېتەكلىشىدە، ھەر ھەپتىدە بىر - ئىككى قېتىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولۇش بىلەن بىرگە، ۋەتەنداشلىرىنى ھەم دۇئالىرى بىلەن ياد ئەتمەكتە.
20 - ئېيۇن گوللاندىيىنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە جەم بولغان گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار، شۇ كۈنلۈك ئىپتاردىن باشلاپ، ئەتىسى سەھەر سوھۇرغىچە بىر كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزدى.
پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 8 يېرىمدا قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئىپتارچىلار ئابدۇراھمان قارىھاجىمنىڭ تەقدىم قىلىشىدا، رامىزاننىڭ پەزىلەتلىرىدىن ۋاقىپلانغاندىن كېيىن، دۇئا بىلەن ئىپتاردا ئېغىز ئاچتى. شام نامىزىدىن كېيىن ئۆز - ئارا ھال مۇڭ بولۇشۇپ، كېچىچە خۇپتەن، تاراۋىھ، تەئەججۇد ۋە ۋېترى نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇدى. ناماز ئارىلىقىدىكى قىسقا دەم ئېلىشلاردا سوئال - جاۋابلىق ۋەز - نەسىھەتلەردىنمۇ بەھرىمان بولدى. پائالىيەت داۋامىدا، ھەر قېتىمقىدەك بۇ يەردىكى ئەركىن ئىبادەت موھىتىدا تۇرۇپ ۋەتىنىدە ئېغىر چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىنى ياد ئەتتى ۋە ئۇلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئالار قىلدى. تۈرمىلەردە خارلىنىۋاتقان مەھبۇس قېرىنداشلىرىغا تىلەكلىرىنى يوللىدى.
20 - ئىيۇن شەنبە ئىپتاردىن باشلاپ ۋاقىتلىرىنى ئەھمىيەت بىلەن ئۆتكۈزگەن جامائەت 21 - ئىيۇن يەكشەنبە سەھەر سائەت 3 كە قەدەر سوھۇرلۇق بىلەن غىزالىنىپ، بامدات نامىزىدىن كىيىن تارقىلىشتى.
جامائەت ۋە جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز ھىس - تۇيغۇلىرى ۋە مەقسەت - تىلەكلىرىنى ئاڭلاتتى.
تەپىسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىزلەر.
0:00 / 0:00