ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى: ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىشى تولىمۇ تەس بولۇۋاتىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014.09.12
uyghur-ayallar-haj-2000.jpg ئۇيغۇر ئانىلار ھەج پائالىيىتىدە (2000-يىلى)
RFA/Qutluq

ھەج ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرزنىڭ بەشىنچىسى، ھەجنى ئاللاھ تائالاھ پەيغەمبەرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق بەندىلىرىگە ئېنىق قىلىپ پەرز قىلىپ بېكىتكەن. ھەج ئىبادىتى دەسلىپىدە ھىجرىيىنىڭ 5 - يىلىدا يەنى مىلادىيە 626 - يىلى 12 - ئايدا باشلانغان. مىلادىيە 630 - يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە مۇكەررەمگە ئون مىڭغا يېقىن مۇسۇلماننى باشلاپ ھەج قىلغان. مۇشۇ قېتىمقى ئاخىرىقى ھەجدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەجنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرىنى ئېنىق قىلىپ كۆرسىتىپ بەرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەج مۇسۇلمانلارغا ئېنىق پەرز قىلىپ بېكىتىلگەن. ھەجىنىڭ مۇسۇلمانلارغا پەرز بولۇشى «قۇرئان كەرىم»دە بىر قانچە جايدا ئېنىق ئېيتىلغان.

شۇڭا ئۇيغۇرلار، ئەسىرلەر بويى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنىنىڭ بۇ پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تارىختىن بېرى ھەج تاۋاپ پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ زەربىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج تاۋاپ قىلىشى يىلدىن - يىلغا قاتمۇ - قات سىياسىي توساقلارغا ئۇچرىماقتا.

نۆۋەتتە بۇ يىلقى ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىن ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىشى بىلەن ۋە شۇنداقلا ھەر - خىل يوللار ئارقىلىق مەككە، مەدىنىگە يېتىپ بارغان ئۇيغۇر ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدا بەزى بىر مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ياپونىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى ھازىر مەككە شەھىرىدە ھىجىرەتتە ياشاۋاتقان ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.