يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەردە «ئەسەبىيلىك» مەسىلىسى ئىزچىل مۇھىم نۇقتىلاردىن بولۇپ كەلمەكتە.
بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ھادىسىلەرنىڭ «ئەسەبىيلىك» كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ قىلىنىپ، ھۇجۇم ئوبيېكتى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. نۆۋەتتە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلىنىڭ باشلىرى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان «ھالال» لىققا دائىر بەلگىلەرنى مەنئى قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلەرگىچە ئومۇملىشىشى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
دىنىي ئېتىقادىنىڭ سۇس ياكى قويۇق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر «ھالال» دەپ قارىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئادەتلەنگەن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بىر قوۋم ئۈچۈن يېمەكلىكلەرگە بېسىلغان «ھالال» لىق بەلگىلىرى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ماگىزىنلاردا ياكى بازارلاردا سېتىلىۋاتقان يېمەكلىكلەرگە بېسىلغان ھالاللىق بەلگىلىرى ئاساسەن ئەرەبچە خەتلەر ياكى ئىسلامىي نەقىشلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ بەلگىلەرنى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يادقا بولۇپ كەتكەن، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ھازىر بولسا ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرى ھەرقايسى جايلاردا سېتىلىۋاتقان يېمەكلىكلەرگە بۇ خىلدىكى بەلگىلەرنى بېسىشنى «قانۇنسىز» دەپ بېكىتمەكتە.
مورى ناھىيەلىك مىللەتلەر ۋە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى رەسمىي ھۆججەتتە گۆش، سۈت ۋە ھايۋانات مېيىدىن باشقا ھېچقانداق مەھسۇلاتنىڭ قاپلىرىغا «ھالال» لىققا دائىر بەلگىلەرنى بېسىشقا بولمايدىغانلىقى بېكىتىلگەن. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇنىڭدىن كېيىن مەھسۇلاتلارغا بېسىلىدىغان «ھالال» بەلگىلىرى ئۈچۈن ئەرەبچە خەتلەرنى، ئىسلامىي پاسوندىكى بىناكارلىق شەكىللىرىنى، جۈملىدىن ئەرەبچە «ھالال» دېگەن خەتنى ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئېغىر جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
بىز بۇ ھەقتىكى ئەھۋالنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى تارقاتقان مورى ناھىيەلىك مىللەتلەر ۋە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. تېلېفوننى ئالغان خىتاي كادىر بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، نۆۋەتتە مەھسۇلاتلارغا «ھالال» لىق بەلگىلىرى ئۇرماقچى بولغان زاۋۇت ئىگىلىرىنىڭ ئالدى بىلەن بارلىق سودا ھۆججەتلىرىنى ئېلىپ سانجى شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە بېرىشى لازىملىقى، شۇ جايدا ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.
بىز بۇنىڭدا قانداق بەلگىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ھەرقانداق ئەرەبچە تېكىستنى ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ھازىر پەقەت خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە «مۇسۇلمانچە» دېگەن خەتنىلا بېسىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، گۆش، سۈت ۋە ماي تۈرلىرىدىن باشقا ھەرقانداق مەھسۇلاتقا بۇ بەلگىلەرنى بېسىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا ئۇ مەسچىت ياكى ھەرقانداق ئىسلامىي شەكىلدىكى ئىمارەتنىڭ شەكلىنى ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. بىز ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن بۇ خىلدىكى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا بۇنىڭ مەقسىتى «ھالال چۈشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش» دەپ جاۋاب بەردى شۇنداقلا خىتاي ئۆلكىلىرىدە توسالغۇسىز مەۋجۇت بولۇۋاتقان «ھالال» لىق بەلگىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ يوسۇندا «ھالال» بەلگىلىرىنى چەكلەش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى ھالاللىق چۈشەنچىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن باشقىچە قاراشتا. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرلىرى ماھىيەتتە «ئەسەبىيلىك» نى تۈگىتىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام دىنىغا باغلانغان مىللىي كىملىك چۈشەنچىسىنى يوقىتىشنى ئاخىرقى مەقسەت قىلىدىكەن.
تۈركىيەدىكى دىنىي ئۆلىمالاردىن ھەبىبۇللا كۈسەنى بۇ جەھەتتە ئىلشات ھەسەن بىلەن ئوخشاش پىكىردە. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر تەدبىرلەر يولغا قويۇلغاندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى يوقاتمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرلىرى كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەبىبۇللا كۈسەنىنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرلىرى مەيلى دىن نۇقتىسىدىن بولسۇن ياكى خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن بولسۇن قايسىلا جەھەتتىن قارىغاندا سەلبىي مەنىگە ئىگە بولۇپ، ئىنسانىيەتكە قارشى بۇنداق تەدبىرنىڭ مەغلۇپ بولۇشى مۇقەررەر ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بىر قىسىم جايلاردا مەزكۇر تەدبىر تېخىمۇ «رادىكال» تۈس ئېلىۋاتقان بولۇپ، ھەتتا خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە يېزىقلاردىكى «مۇسۇلمانچە» دېگەن بەلگىنىمۇ چەكلەش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي «ئەسەبىيلىك» دېيىشمەكتە.
0:00 / 0:00