«ھالال يېمەكلىك» ماركىسى چاپلانغان چوشقا كونسېرۋاسى مۇنازىرە قوزغىدى

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە ئۈندىدار، فېيسبوك قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە، خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە ئىشلەنگەن «ھالال يېمەكلىك» ماركىسى چاپلانغان چوشقا كونسېرۋاسى ھەققىدە سۈرەتلىك خەۋەر تارقالدى.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە جىددىي مۇنازىرە قوزغىغان بۇ مەسىلىگە ئۇيغۇر ئېلىدىن ۋە چەتئەللەردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار ئۆزگىچە جاۋابلىرىنى بەردى.

بۇ يىل ئېچىلغان ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە يۈز بەرگەن «ھالال ئېشەك گۆشى» ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆتكەن ھەپتە يەنە «ھالال چوشقا گۆشى كونسېرۋاسى» ئېلانىنىڭ خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئاشكارىلىنىشى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى.

ئۈندىدار، فېيسبوك قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە، بەزى تورداشلار ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى كونسېرۋا قاتارلىق تەييار ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىشقا، «ھالال »ماركىسى چاپلانغان يېمەكلىكلەر ھەققىدە يېزىلغان چۈشەندۈرۈشلەرنى تەپسىلىي ئوقۇشقا چاقىردى. يەنە بەزىلەر ئىستېمالچىلارنى خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدە ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يېمەكلىكلەرگە بولغان نازارىتى يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى ۋە ساغلام يېمەكلىك ئېڭىنى ئاشۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

تور بېكەتلىرىدە تارقالغان مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدا «ھارام» دېيىلىپ، يېيىش چەكلەنگەن چوشقا گۆشى، ئېشەك گۆشى قاتارلىقلارغا «ھالال يېمەكلىك» ماركىسى چاپلاپ، بازارغا سېلىشتەك ئەھۋالدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى «دىنىي زاتلار» ۋە مەسچىتتىكى باشقا كىشىلەرنىڭ قانچىلىك خەۋىرى بار؟ ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسى قانداق؟

قەشقەردىكى مەلۇم مەسچىتكە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفونىمىزنى ئالغان مەسچىت خىزمەتچىسى، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇنداق نازۇك مەسىلىلەر ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرالمايدىغانلىقىنى، بۇ ئىشقا مەسچىتتىكى ئىمام، مەزىن قاتارلىق دىنىي زاتلار جاۋاب بەرسە، تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما بۇ خادىم سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر ھەم مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن، نۆۋەتتىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە ساغلام يېمەكلىك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن گوللاندىيەدىكى مۇتەللىپ جانئۇيغۇر ئەپەندى تور بېكەتلىرىدە تارقالغان «ھالال» ماركىسى چاپلانغان ھارام يېمەكلىكلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ،خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان«يېمەكلىك نازارەت ئىدارىلىرى» ۋە «ئاتالمىش ئىسلام جەمئىيەتلىرى» خادىملىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىدىن ھېچقانداق ساۋاتى يوق كىشىلەر ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى جاندىللىق بىلەن ئىجرا قىلغۇچى كىشىلەر بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەقىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا «كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ، كارى بولماسلىق»پوزىتسىيىسىدە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇتەللىپ ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئېغىر دەرىجىدە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان بىر قاتار ئەھۋاللارغا خەلقئارادىكى دىنىي ئەركىنلىكنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتلىرى ۋە دۇنيا مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ جىددىي دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ،«دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ،خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت ۋە سودا ئالاقىسى قاتارلىقلاردا بۇ خىل مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى» كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇندىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان خەلقئارالىق سودا يەرمەنكىسىدە، يەرمەنكىدىكى يېمەكلىك بازىرىغا سەندۇڭدىكى مەلۇم يېمەكلىك شىركىتى«ھالال ئېشەك گۆشى» نامىدا، ئېشەك گۆشىدە ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ساتقان. ئەينى چاغدا بۇ ئەھۋال تورداشلارنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنى باشقۇرغان مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ «ھالال ئېشەك گۆشى» ۋەقەسى ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات بەرمەسلىكى، چەتئەللەردىكى دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ،خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا مۇنازىرە تېمىسى بولغان ئىدى.